باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئاخبارات ئالدامچىلىقى ۋە يالغان خەۋەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2014.04.04 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 3-ئاپرىل سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق 9 ئورۇننىڭ ئۇقتۇرۇشىدىكى تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاخبارات ئالدامچىلىقى ۋە يالغان خەۋەرگە زەربە بېرىش ھەققىدە مەخسۇس تېمىدا سۆھبەتلەشتى ۋە جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، تۈزەش سالمىقى ئاشۇرۇپ، ئاخبارات ئالدامچىلىقى ۋە يالغان خەۋەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاخبارات ئالدامچىلىقى ۋە يالغان خەۋەر ئاخباراتچىلار قوشۇنىنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزۈپ، تاراتقۇلارنىڭ نوپۇزى ۋە ئىشەنچىگە زىيان سېلىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاسىنى، خەلق ئاممىسىنىڭ چوڭقۇر نەپرىتىنى قوزغىدى. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار مەخسۇس ھەرىكەتنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىكى مۇھىم ئىش قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ناچار ئىستىللارنى چەكلەپ، قوشۇننى ساپلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر