شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتىدىكى 11 كۈنلۈك سۈرەتلەر
ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىش، خاس نوتۇق سۆزلەش، پۇتبول پاراڭلىرى، مۈشۈكئېيىق كۆرۈش، دوستلۇق سۆزلىرى.... دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپانى زىيارەت قىلغان ئاممىۋىي دىپلوماتىيە پائالىيىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاتتى. «شى جىنپىڭ ياۋروپادا سېھرىي كۈچ ھۇجۇمى قوزغىدى»ـــ فرانسىيە «دۇنيا گېزىتى» جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتىكى ياۋروپا زىيارىتىگە ئاشۇنداق باھا بەردى. بۇ «سېھرىي كۈچ ھۇجۇمى» 11 كۈنلۈك زىچ ئورۇنلاشتۇرۇشتا باشتىن ئاخىرىغىچە تولۇق ئەكس ئەتتى. بۇ «سېھرىي كۈچ» يىغىن ئىچى-سىرتىدىكى يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشى، سودا ساھەسىنىڭ مول مېۋىسى، يىغىن سىرتىدىكى مول مەزمۇنلۇق ئىنسانىي ئالاقە بولۇپ، بۇ قېتىمقى سەپەرگە تېخىمۇ تەسىرلىك ۋە ئىللىق كەيپىيات بېغىشلىدى.