باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تۇشمۇ تۇشتىن باشلاندى، تېرىلغۇ سۈرئىتى تېز بولدى

2014.04.08 08:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چوكانتال بايرىمى مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرى جەنۇبدىن شىمالغا قاراپ ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، يېزا ئىگىلىكىگە نەپ يەتكۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار سىياسەتلەر ۋە يېزا ئىگىلىك يېڭى تېخنىكىسىنىڭ كەڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

  قارلىق ئېگىزلىكتىكى شىزاڭدا بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ماشىنىلاشتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىش كۈچەيتىلىش بىلەن بىرگە، يەنە 300 مىڭ مو يەرگە قارا ئارپا تېرىلدى، ئەنئەنىۋىي ئارپا بىلەن سېلىشتۇرغاندا قارا ئارپا تېرىش تەننەرخى تۆۋەن، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى، ھۆكۈمەت دېھقانلارنى خىمىيەلىك ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى قاتارلىقلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلىگەندىن باشقا يەنە تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەپ، مەھسۇلاتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  بۇ يىل ئەنخۇي ئۆلكىسى شال تېرىشنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ بۇ يىللىق شال تېرىقچىلىقىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى %38 دىن ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 7 پوئىنت ئۆرلەتتى. يېقىندا شەرقى شىمالدىكى رايونلاردا ئېتىز ئېرىقلاردىكى قارلار ئەمدىلا ئېرىدى، بۇ يىل قىشتا خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى تەخمىنەن 50 ناھىيە شەھەردە تۇپراق ھۆل ھالەتتە تۇرغاچقا نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك كوپىراتىپلىرى بۇ ئىككى كۈندىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىدىن پايدىلىنىپ، چوڭ دېھقانچىلىق ماشىنلىرىنى ئىشقا سېلىپ، قار تازىلاپ پەرۋىش قىلىشنى چىڭ تۇتتى.

  سۇيخۇا شەھىرىدىكى دېھقان پەن رېنگو قۇرغان يېزا ئىگىلىك كوپراتىپى 12 مىڭ مو يەرنى باشقۇرىدۇ، بۇ بىرقانچە كۈندە پەن رېنگو ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە 3700 مو يەرنى پەرۋىش قىلىپ، ئۇنى سۇلۇق ئېتىزغا ئايلاندۇردى، بۇ تۈر ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە پىلانلانغان تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنىڭ %11.7 ئى تېرىلىپ بولغان، سۈرئىتى ئۆتكەن يىلدىكىدىن 0.2 پوئىنت تېز ئىكەن.

  باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا، تۈرلۈك ئاشلىق تېرىغۇچى چوڭ ئائىلىلەر ، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى قاتارلىق يېڭىچە ئىگىلىك ئاساسىي گەۋدىسى ئاساسىي قوشۇنغا ئايلانغان، بۇلار ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە ھۆددىگە بېرىلگەن يەرلەرنىڭ تەخمىنەن 4دىن بىرى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرى ۋە ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى قاتارلىق يېڭىچە ئىگىلىك ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەن، تەخمىنەن 80 مىليون دېھقان تۈرلۈك دېھقانلار كوپراتىپىغا كىرگەن، بۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى دېھقانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 3دىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ، يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش ئاساسى گەۋدىسى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشدىكى ئاساسىي كۈچ بولۇپ قالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر