باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولساق ھەممىگە ئىگە بولىمىز دېگىنى خام خىيال

2014.04.04 16:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتى 30-مارت يېڭىچە يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى يوققا چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سىرتقى ساھەدىكىلەرنىڭ دىققىتى ۋە قىياسىنى قوزغىدى، كورىيەدىكى بەزى تاراتقۇلار چاۋشيەننىڭ 4-قېتىملىق يادرو سىنىقى بىر ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلدى، بۇ خەۋەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكى بەك يۇقىرى بولمىسۇ ئەمما چاۋشيەننىڭ يېڭىچە يادرو سىنىقى ھامان بىر كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ، مانا بۇ ئىستراتېگىيە ۋە ئانالىز ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەندىشىسى.

  چاۋشيەننىڭ بۇ قېتىم يېڭىچە يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ بىۋاسىتە مەقسىتى ئامېرىكا ۋە كورىيەنىڭ دىققىتىنى تارتىش دەپ قارالدى، بۇ پيوڭياڭنىڭ ئامېرىكا كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا قايتۇرغان ئىنكاسى، يادرو سىنىقىنى ئېلىپ بېرىش، باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىق قىلىش چاۋشيەننىڭ بىردىن بىر كوزىرىغا ئايلاندى، بۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە چاۋشيەن ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ پاجىئەسى.

  چاۋشيەننىڭ يادرو تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى قاتتىق مەخپىي ھالەتتە ، سىرتقى ساھەدىكىلەر ئۇنى پەقەتلا پەرەز قىلالايدۇ، ئادەتتە: چاۋشيەننىڭ يادرو ئىقتىدارى ئۆزى ئېيتقاندەك ئۇنچە پىشىشىپ يېتىلگەن ئەمەس، ئۇ يادرو قورالىنى كىچىكلەشتۈرۈش ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىغان بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئامېرىكا تۇپرىقىغا بارالمايدۇ، شۇڭا ۋاشىنگتوننىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا بولغان ئەندىشىسى ساراسىمىگە چۈشۈش ھالىتىگە بېرىپ يەتمىدى.

  چاۋشيەن يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلىنغان باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى باشقا دۆلەتلەر قەتئىي ئىنكار قىلدى، چاۋشيەن بولسا سىرتقى ساھەدىكىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ يادرو ئىقتىدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قالماسلىقى ئۈچۈن كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلدى، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب چاۋشيەننىڭ تەھدىت كۈچى ئىنتايىن ئاجىز، ئۇنىڭ يادرو قورالىدىن باشقا دەيدىغان نەرسىسى يوق.

  بۇ خىل ھالەت چاۋشيەن ۋە شەرقى شىمالىي ئاسىيانى تېخىمۇ چوڭقۇر پاتقاققا پاتۇردى، چاۋشيەن يالغاندىن ھەيۋە قىلغان ۋاقىتتا بۇ رايوندا ئارقا ئارقىدىن خاتا ھۆكۈملەر چىقىپ، بىر قاتار مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقتى، چاۋشيەن سىرتقا يادرو ھۇجۇمى قوزغاشتىكى ھەقىقىي ئىقتىدارغا يېقىنلىشاي دېگەندە ئامېرىكا بىلەن كورىيە ۋە ياپونىيەنىڭ ئىنكاسى ئۇنىڭدىن ئىتتىك بولدى، بەزىلەر ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئامېرىكا زېمىنىغا چۈشۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن چاۋشيەنگە قول سالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

  چاۋشيەننىڭ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى چەكلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈندۇر، پيوڭياڭ ئالدىنقى بىرقانچە قەدەمنى مۇۋەپپىقىيەتلىك باستى گەرچە غايەت زور ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بەدەل تۆلىگەن بولسىمۇ ئەمما بۇ پيوڭياڭنىڭ ھەقىقەتەن ئامېرىكىنى قورقىتالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ كەسكىن سىناق تېخى يېتىپ كەلمىدى.

  بۈگۈنگىچە چاۋشيەنگە ئوخشاش مۇشۇنداق بىر كىچىك دۆلەتنىڭ خەلقئارا بېسىم ئاستىدا يادرو قورالى جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلغانلار يوق، بۇنىڭ خەتىرى ۋە قىيىنلىقى دەرىجىسى چەكسىز، پيوڭياڭ بۇنى شەك شۈبھىسىزكى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويدى.

  چاۋشيەننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش مۇمكىنچىلىكى ئازراق چوڭايغاندەك قىلدى، ئەمما چاۋشيەننىڭ يادرو قورالىنى ئۈنۈملۈك ئىستراتېگىيەلىك قورالغا ئايلاندۇرۇشىغا تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت بار، بەلكى مەڭگۈ بۇ سەۋىيەگە يېتەلمەسلىكى مۇمكىن، بۇ دۇنيادا يادرو تەھدىتى بار ئەمما يادرو قورالى ئارقىلىق قورقىتىش مەۋجۇت ئەمەس، چاۋشيەن قورقۇتماقچى بولغىنى دۇنيادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك كۈچ، شۇڭا ئۇنىڭ مەقسىتىگە يېتىش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك.

  چاۋشيەننىڭ باشقا كۈچلىرى ئۇنىڭ يادرو تەھدىتىگە دال بولالمايدۇ، ئۇنىڭ يادرو ئىقتىدارى يىتىم ھالەتتە، شۇڭا چاۋشيەن قارغۇلارچە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ماڭماسلىقى، مەزمۇت ھالدا، ئويلىنىپ مېڭىشى ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئاشۇرىدىغان رىيال يول ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. ئەگەر چاۋشيەن مۇشۇنداق مېڭىۋېرىپ، 4-5- قېتىم ھەتتا تېخىمۇكۆپ قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارىدىغان بولسا چاۋشيەننىڭ كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھالىتى ياخشى بولمايدۇ، چاۋشيەن ئۇزاق مۇددەت خەلقئارادا يىتىم قالىدۇ، دۆلەت نامراتلىشىدۇ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پيوڭياڭ ھاكىمىيىتىگە خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ، يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشمۇ يوققا چىقىدۇ.

  جۇڭگونىڭ چاۋشيەنگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئامېرىكا، كورىيە، ياپونىيەگە ئوخشىمايدۇ ئەمما جۇڭگو چاۋشيەننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو چاۋشيەننىڭ دوستى، چاۋشيەننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى جۇڭگونىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار چاۋشيەننىڭ قىيىن ھالەتتىن قۇتۇلۇپ، شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى خالايدۇ، چاۋشيەن يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرىمەن دەپ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن تىركەشكىلى 20 يىل بولدى، چاۋشيەن ئەگەر بۇ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتسە بەلكىم پيوڭياڭ يەنە بىر يېپ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك بايقاشقا ئىگە بولۇشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر