باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى›› ھەققىدە يەشمە(3)

2014.04.04 16:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەخسىي ئۇچۇر قاتتىق قوغدىلىدۇ

  لى چۈنشيا

  ]ئارقا كۆرۈنۈش[

  شەخسىي ئۇچۇر ئاشكارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىرلاشتى

  يېڭىدىن ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلار سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ سۇغۇرتا تونۇشتۇرۇش توغرىسىدىكى تېلېفونلىرىدىن، يېڭى ئۆي سېتىۋالغانلار بېزەكچىلىك شىركەتلىرىنىڭ ئۆي بېزەش توغرىسىدىكى تېلېفونلىرىدىن، ھامىلىدارلار، يېڭىدىن پەرزەنتلىك بولغانلار سۈت تالقىنى سېتىش توغرىسىدىكى تېلېفونلاردىن بەكلا بىزار بولۇۋاتىدۇ... رېئال تۇرمۇشتا بەزى تىجارەتچىلەر ئەزالىق كارتىسى بېجىرىش دېگەندەك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى خاتىرىلىۋېلىپ، ئۆز مەيلىچە ئاشكارىلاپ ياكى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ.

  تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ‹‹12315›› قوماندانلىق مەركىزى 2013 – يىلى ‹‹شەخسىي ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش›› توغرىسىدىكى ئەرز – شىكايەتتىن ئون نەچچىنى قوبۇل قىلغان، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى مۇنداق: قىسمەن تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارەت جەريانىدا ئىگىلىگەن ئىستېمالچىلار شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇشىدا نۇرغۇن يوچۇق بولۇش؛ ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆز مەيلىچە ئاشكارىلاش، تارقىتىش؛ ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى سېتىش – سېتىۋېلىش ئارقىلىق قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىش؛ قانۇنسىز يىغقان شەخسىي ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش.

  ]يارقىن نۇقتا[

  شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش تۇنجى قېتىم قانۇنغا كىرگۈزۈلدى

  يېڭى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››نىڭ 29 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى يىغىش، ئىشلىتىشتە قانۇنلۇق، ئورۇنلۇق، زۆرۈر بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، شەخسىي ئۇچۇرنى يىغىش، ئىشلىتىش مۇددىئاسى، ئۇسۇلى، دائىرىسىنى ئېنىق بىلدۈرۈشى، شۇنداقلا ئىستېمالچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك. تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى يىغىش، ئىشلىتىش قائىدىسىنى ئاشكارىلىشى، ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە ئىككى تەرەپ تۈزگەن كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا يىغماسلىقى، ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

  تىجارەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى جەزمەن مەخپىي ساقلاپ ئاشكارىلىماسلىقى، ساتماسلىقى ياكى باشقىلارغا ئېيتىپ بەرمەسلىكى كېرەك. تىجارەتچىلەر تېخنىكىلىق تەدبىر ۋە باشقا زۆرۈر تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشى، يىتىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. شەخسىي ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ قالسا، يىتىپ كەتسە ياكى ئاشكارىلىنىش، يىتىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولسا، دەرھال زىياندىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

  تىجارەتچىلەر ئىستېمالچى رۇخسەت قىلمىغان ۋە ئىلتىماس سۇنمىغان بولسا ياكى ئېنىق رەت قىلغان بولسا، شۇ ئىستېمالچىغا سودا ئۇچۇرى ئەۋەتسە بولمايدۇ.

  ]دېلو مىسالى[

  شەخسىي ئۇچۇرى ئاشكارىلانغان ئابۇنىچىغا پاراكەندە قىلىدىغان تېلېفون توختىماي كەلدى

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى شۈ خانىم جۇڭشەن يولىدىكى يان تېلېفون تىجارەت زالىدا كەسىپ بېجىرگەندىن كېيىن، يان تېلېفونىغا كۆپ قېتىم پاراكەندە قىلىدىغان تېلېفون كەلگەن، شۇڭا، شۈ خانىم بۇنى تىجارەت زالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ، 2013 – يىلى 4 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹12315›› قوماندانلىق مەركىزىگە دېلو مەلۇم قىلغان. سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىكى خىزمەتچىلەر تىجارەت زالىنىڭ خىزمەتچىسى شې X نىڭ شۈ خانىمنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلانغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان، تىجارەت زالى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، شې Xنى خىزمەتتىن بوشاتقان، شۈ خانىمغا مۇئەييەن تۆلەم تۆلىگەن.

  ]يەشمە[

  ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىغان تىجارەتچىلەر بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياشار ھاجى مۇنداق دېدى: يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››دا شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى، دەپ تۇنجى قېتىم بېكىتىلگەنلىكى يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››دىكى يارقىن نۇقتا بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى چوڭ بۆسۈش ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى تىجارەتچىلەرنىڭ ئاشكارىلىۋەتكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق بولسىمۇ، ئەرز – شىكايەت قىلغۇدەك ئورۇن يوق ئىدى. يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››دا شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش ئايدىڭلاشتۇرۇلغاچقا، ئىستېمالچىلار شەخسىي ئۇچۇرغا ئالاقىدار ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشتا ئاساسلىنىدىغان قانۇنغا ئىگە بولدى.

  ياشار ھاجى مۇنداق دېدى: يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››دا شەخسىي ئۇچۇرنى تۆت جەھەتتىن قوغداش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىرىنچىدىن، ئىستېمالچىلار نەرسە – كېرەك سېتىۋالغاندا، تاۋارلارنى ئىشلەتكەندە ۋە مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولغاندا، شەخسىي ئۇچۇرى قوغدىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، تىجارەتچىلەر ئورۇنلۇق، زۆرۈر بولغاندا ھەم ئىستېمالچى قوشۇلغاندىن كېيىن، شەخسىي ئۇچۇرنى يىغىپ خاتىرىلىشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى يىغقاندىن كېيىن، قاتتىق مەخپىي ساقلىشى كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، ئىستېمالچىنىڭ رۇخسىتىسىز سودا ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرى ئەۋەتمەسلىكى كېرەك.

  تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىۋەتسە، قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››دا مۇنداق بەلگىلەندى: تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، نام – ئابرۇيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يامان تەسىرىنى تۈگىتىپ، كەچۈرۈم سورىشى، شۇنداقلا زىياننى تۆلىشى كېرەك.

  ياشار ھاجى مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا ئائىت مەخسۇس قانۇنى يوق، يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››دا شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى ئىكەنلىكى تۇنجى قېتىم بېكىتىلدى، لېكىن، بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئۈزلۈكسىز تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن – نىزاملارنىڭ مەشغۇلاتچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر