باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قوراللىق ساقچى ئالتۇن قىسمى چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدە كان تەكشۈرۈش قەسىمى بەردى

2014.04.08 08:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قوراللىق ساقچى ئالتۇن قىسمى 6-ئاپرېل چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىگە بېرىپ، جۇڭگونىڭ دېڭىز يۈزىدىن بەك ئېگىز ئادەمسىز رايونىدا كان تەكشۈرۈپ ۋە نۇرغۇن مېتال كانلىرىنى قىدىرىپ، دۆلەتنىڭ بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا قەسەم بەردى.

  خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا قوراللىق ساقچى ئالتۇن قىسمى 11-تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى سەي يۈلياڭ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ شىزاڭغا بارغاندىكى تۇنجى ۋەزىپىمىز-شىزاڭنىڭ شەننەن ۋىلايىتىدىكى 11 رايوننىڭ گېئولوگىيەسى ۋە كان گېئولوگىيە خەرىتىسىنىڭ نەتىجىسىنى دوكلات قىلىش ھەم سېخىما سىزىش، يەنى ئۇنىۋېرسال گېئولوگىيە نەتىجىسىنى ئېنىقلاش، گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن ساقلىنىش، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كاندىن پايدىلىنىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال گېئولوگىيە خەرىتىسىنى سىزىش. بۇ نەتىجىنى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، جۇڭگو گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.

  سەي يۈلياڭ مۇنداق دېدى: بىز قارلىق ئېگىزلىككە بېرىشقا تولۇق تەييارلىق قىلدۇق، بۇنىڭدىكى تۇنجى ئىشىمىز ئېگىزلىك كېسىلىدىن ساقلىنىش، زۆرۈر تېپىلغاندا، شىزاڭ يېشىل يولىدىن پايدىلىنىپ، تىك ئۇچار بىلەن يارىدارلىرىمىزنى قۇتقۇزۇش، بىز يەنە تۇرمۇشتا كۆپچىلىكنى ھەر كۈنى بىر سائەت ئوكسىگېن سۈمۈرتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دالىدا ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە ئىسسىق تاماق بېرىپ، ئۇلارنىڭ شىزاڭدا تۇرغاندىكى سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر