- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدا ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلگەن كادىرلار كەنتتە بىر يىل تۇرىدۇ
2014.04.08 08:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تاتارساڭ كەنتى-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى بەشكەنت بازىرىدىكى بىر چەت-ياقا كەنت، شۇ جايدىكى دېھقانلار ئاساسلىقى بۇغداي بىلەن بادامنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش، ئۆستۈرۈش ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىدۇ. بۇ بىر نەچچە كۈندە، كەنت ئەمەلدارى ليۇ ياكاڭ ھەر كۈنى سەھەردىلا ئېتىز بېشىغا بېرىپ، كەنتتىكى ياشانغان دېھقان مەمتىمىن تۇرسۇننىڭ ئۆستەڭ چېپىشىغا ياردەم بەردى.
ليۇ ياكاڭ كەنتتە ئۆسۈپ چوڭ بولغان كەنت ئەمەلدارى ئەمەس، ئۇنىڭ يەنە بىر ۋەزىپىسى بار، ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن، شىنجاڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىكى 200 مىڭ كادىر ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش پائالىيىتىنى باشلاپ، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىن 1-قول باشلىقتىن باشقا، ھەر بىر كادىر كەنتتە بىر يىل ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. ليۇ ياكاڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 70 مىڭ كادىرنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئىدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەۋەتىلگەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى سەككىز مىڭدىن ئارتۇق مەمۇرىي كەنت، 700 نەچچە دۆلەت دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە مىڭغا يېقىن نۇقتىلىق مەھەللىگە بېرىپ، ئون مىڭ ئاساسىي قاتلام ئورنىنى تولۇق قاپلايدىكەن.
بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ليۇ ياكاڭ ھەر كۈنى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، كەنتنى زىيارەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى، ئېھتىياجى، ئارزۇلىرىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇردى. ئۇ ئېتىز-ئېرىق باشلىرىنىڭ دېھقانلار راست گەپ قىلىدىغان، ھەقىقىي سىردىشىشنى خالايدىغان جايلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەمىشە دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە دېھقانچىلىق قىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى كەلگەندىن كېيىن، كېپىنەك كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئابلەھەت ئەخەتنىڭ خىزمەت يۈكى خېلى يېنىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەستايىدىل، ئەمەلىي ئىشلەيدىكەن، ئۇلار كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى بىزدىن ياخشى ئۇقىدىكەن، سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر