باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2014.04.03 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 2-مارت دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مۇھاكىمە قىلدى، تەرەققىيات خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلىنىڭ كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى قوللاش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، تۆمۈريولغا مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى سىياسەت، تەدبىرىنى تېزلىتىشنى بېكىتتى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سۇ يولى قانۇنى لايىھەسى»نى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار-ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، بازارنى جانلاندۇرۇشتىكى ئاساسلىق قوشۇن. يىغىندا كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ باج يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىش تەدبىرى مۇھاكىمە قىلىنىپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلاردىن كارخانا تاپاۋەت بېجى ئېلىشتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇش دائىرىسىنىڭ چېكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يىلدا باج ئېلىشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى 60 مىڭ يۈەندىن يەنىمۇ زور كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ ھەم بۇ سىياسەتنىڭ ئاخىرلىشىش مۆھلىتى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، مىليونلىغان ئاھالىلەرنى كەپىلىك مەھەللىدىن بالدۇرراق چىقىپ، بىنالارغا كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش-خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى چىڭ ۋەزىپە. يىغىندا، دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى مەخسۇس ئورگان قۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا ھېسابات يولغا قويۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، تۇرالغۇ پۇل مۇئامىلە مەخسۇس زايومى تارقىتىش، پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە باشقا مەبلەغ سالغۇچىلاردىن مەبلەغ جۇغلاش، سودا بانكىلىرى، ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى، سۇغۇرتا ئورگانلىرىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئالاقىدار قۇرۇلۇشلارغا نۇقتىلىق ئىشلىتىشنى قوللاش بېكىتىلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: تۆمۈريول، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، غەربىي رايوننىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەندە، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، تەرەققىي قىلمىغان جايلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاش، مىليونلىغان ئادەملەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىشكە پايدىلىق. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىل مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن 6600 كىلومېتىردىن ئارتۇق تۆمۈريول لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، بۇلتۇرقىدىن مىڭ كىلومېتىردىن كۆپرەك ئېشىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت سالغان %80 كە يېقىن مەبلەغ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغا قارىتىلىدۇ.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: چەكلىك سۇ يولى بايلىقىنى ياخشى قوغداش، ياخشى پايدىلىنىش-شەرقتىن غەربكە، دېڭىز بويلىرىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇققا، چوڭ دەريالار ۋە قۇرۇقلۇق قاتناش غول لىنىيەلىرىگە قاراپ سوزۇلغان رايون تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ئورنىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ يولى قانۇن لايىھەسى» مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، سۇ يولىنى پىلانلاش، قۇرۇش، ئاسراش، قوغداش قاتارلىقلار ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. يىغىندا، بۇ لايىھەگە تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر