باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون ئافغانىستان سايلىغۇچىلىرىنى سايلامغا ئاكتىپ ئاۋاز بېرىشكە مۇراجىئەت قىلدى

2014.04.04 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 3-ئاپرېل ئافغانىستاندىكى بارلىق سايلىغۇچىلارنىڭ 5-ئاپرېل ئۆتكۈزىلىدىغان مەزكۇر دۆلەت زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋە ئۆلكە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىغا ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىشىنى مۇراجىئەت قىلدى شۇنداقلا تالىباننىڭ سايلام سورۇنلىرى ۋە ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلىمىز دەپ تەھدىت سالغانلىقىنى ئەيىبلىدى .

  بان كىمون شۇ كۈنى باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سايلام ئافغانىستان ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ ئافغانىستاندىكى بارلىق ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئاۋاز بېرىشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى نىشانى ھەققىدە ئۆز كۆزقارىشىنى بىلدۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بان كىمون ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى ، ئۇ مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: پۇقرالارغا قەستەن ھۇجۇم قىلىش خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئېغىر خىلاپ، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى چوقۇم سۈرۈشتۈرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر