- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا تۆمۈر يول مەبلەغ سېلىش-مەبلەش يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى قاتارلىقلارغا ئائىت سىياسەت-تەدبىرلەر بېكىتىلدى
2014.04.03 15:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 2-چېسلا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىنىدا كىچىك-مىكرو كارخانىلارغا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش تەتقىق قىلىندى، ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلىنىڭ كەپىلىكلەرنى ئۆزگەرتىشكە تىرەك بولۇش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، تۆمۈر يول مەبلەغ سېلىش-مەبلەش يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە ئائىت سىياسەت-تەدبىرلەر بېكىتىلدى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتناش يولى قانۇنى(لايىھە)» مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى.
يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرگە ئاساسەن، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنىڭ شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغىتىدىغان، ئىچكى ئېھتىياجنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرىدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھازىرغىمۇ، كەلگۈسىگىمۇ نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇپ، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق يار-يۆلەك بولۇش شەكىللىرىنى يېڭىلاپ، بېسىم، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق مۇقىم ئېشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر