پىيادىلەر قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتسە بەش يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ . ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1-ئاپرېلدىن باشلاپ پىيادىلار ۋە موتورسىز قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەنلەرنىڭ قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈش ، رىشاتكىدىن ئاتلاش قاتارلىق 13 تۈرلۈك مەدەنىيەتسىز قىلمىشىغا جەرىمانە قويۇلدى . 1-ئاپرېل سائەت 18:00 گىچە ، ئۈرۈمچى قاتناش ساقچى تارماقلىرى يۇقىرىدا دېيىلگەندەك قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان 400 گە يېقىن كىشىگە تەربىيە بەردى ، 57 كىشىگە جەرىمانە قويدى ، جەرىمانە سوممىسى 285 يۈەن بولدى .
شۇ كۈنى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماقلىرى تەڭرىتاغ رايونى ، سايباغ رايونى ، يېڭىشەھەر رايونى ۋە بۇلاقتاغ رايونىدا توققۇز ئۈلگە كۆرسىتىش يول ئېغىزى تەسىس قىلغان . مۇخبىر بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش يول ئېغىزلىرىدا زىيارەت قىلىش داۋامىدا نۇرغۇن كىشىنىڭ قىزىل چىراغقا، قاتناش ساقچىلىرى ۋە پىدائىيلارغا پەرۋا قىلماستىن يولنى پەرۋاسىزلارچە كېسىپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن . چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:41 ئۆتكەندە ، جاۋ فامىلىلىك بىر ئەر شىمالىي شىنخۇا يولى بىلەن قۇرۇلۇش يولى ئېغىزىدىكى پىيادىلەر يولىدا قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتكەندە ، تەڭرىتاغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى شىنخۇا يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ساقچىسى جاڭ تىڭيىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى پارچە ‹‹ پىيادىلەر قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش جەرىمانە تالونى ›› نى كەستى .
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى بۇ تۈرلۈك خىزمەت ئۈچۈن 598 نەپەر ساقچى ۋە 135 ساقچى ئاپتوموبىلىنى ئاجراتقان ، 2000 دىن ئارتۇق پىدائىي ھەر قايسى يول ئېغىزلىرىدا تۇرۇپ شەھەر ئاممىسىنى مەدەنىيەتلىك يول يۈرۈشكە يېتەكلىگەن .
ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىلھام ئىبراھىم : ‹‹ بۇ ئىككى يىلدا ئۈرۈمچىدە قاتناش ئېغىر دەرىجىدە توسۇلۇش ئەھۋاللىرى بولمىدى ، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ تەرتىپى بىر قەدەر ياخشى ، بىراق ، پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈش مەسىلىسى ئېغىر . مەقسەت جەرىمانە قويۇش ئەمەس ، بەلكى ياخشى بولغان قاتناش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ›› دېدى .
جەرىمانە قويۇش بەلگىلىمىسىگە قارىتا ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى قوللاش پوزىتسىيەسىدە بولغان . بەزى كىشىلەر بىر قىسىم يول ئېغىزلىرىدىكى سىگنال چىراقلىرىنىڭ ئورنىتىلىشى ، ۋاقتى قاتارلىقلارغا نىسىبەتەن پىكىر بەرگەن . ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سىگنال چىرىغى ۋە يول ئېغىزلىرىغا پىكىرى بولسا ، ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قاتناش بۆلۈمىنىڭ ئەھۋال ئىنكاس قىلىش تېلېفونى 4912048 غا تېلېفون قىلسا بولىدىكەن .