باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىسىدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسنىڭ يۈز بېرىشىتىكى سەۋەب زادى نېمە؟(1)

2014.04.04 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە ئامېرىكىنىڭ فورد خۇد قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى بازىسىدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى، قاتىلنى ئۆز-ئىچىگە ئالغان تۆت كىشى قازا قىلدى، 16 كىشى يارىلاندى. بۇ يېرىم يىل ئىچىدە ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ۋە ئەسلىھەسىدە يۈز بەرگەن 3-قېتىملىق ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى شۇنداقلا فورد خۇدتىن ئىبارەت ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسىدا يۈز بەرگەن بەش يىلدىن بۇيانقى 2-قېتىملىق ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى. ئامېرىكا پىرىردېنتى ئوباما: فورد خۇد قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى بازىسىدا يەنە ئۇققا تۇتۇش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى مېنى ئازابلاندۇردى، دېدى. بۇ بازىنىڭ قوماندانىنىڭ ئاشكارلىشىچە، قاتىل «ئۇرۇش يارىسى بېسىمى تەڭپۇڭسىزلىشىش كېسىلى»نى داۋالاتقانىكەن.

  بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى تەھلىل قىلساق، بۇنداق ئېچىنىشچىلىق ۋەقەنى پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى بايقىۋالالايمىز: ئۇلار ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەر ياكى مەمۇرى ۋەزىپىدىكى ياللانما خادىملار بولۇپ، ئىراق ياكى ئافغانىستان ئۇرۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ئۇلار پىسخىكا توسالغۇسى ياكى باشقا پىسخىكا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. ئۆتكەن يىلى ۋاشىنگتون دېڭىز ئارمىيەسى بازىسىدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى مۇتەخەسسسلەر گۇرۇپپىسىنى باھالاشقا تەشكىللەندىن كېيىن، بۇنداق ئەسكەرلەرنىڭ روھى كېسىلىنى توغرا داۋالاتقان بولساق، بۇ پاجىئەنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بۇلاتتى.

  ئەمما ئۆزۈم تاپقان داۋاغا نەگە باراي داۋاغا دېگەندەك، ئۇرۇش ئاياقلاشمىدى، ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتمۇ ئاياقلاشمىدى. 2001-يىلدىن بۇيان، بىرمىليونغا يېقىن ئامېرىكا ئەسكىرى ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ئالدىنقى سەپكە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ئەۋەتىلدى. لەند شىركىتىنىڭ بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم ئەسكەرنىڭ پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن، روھى چۈشكۈن بولۇش، داۋاملىق يامان چۈش كۆرۈش، زىيان ھوشيار بولۇش، بىخۇدلىشىش تۈرىدىكى مەسىلىلەر كۆرۈلگەن. بەزىلەر ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ئېغىر جاراھىتىنى «ھېسيات چوڭ قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتاشتى. نىكاھىتىن ئايرىلىش، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، تاشلىۋېتىلگەندەك تۇيغۇغا كېلىش، ئۆيىگە قايتقان ئەسكەرلەرنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئازابلاپ كەلدى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۈمىدسىزلىك ھەر بىر كىشىنى ھاردۇرۋېتىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر