باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سۇدان مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

2014.04.04 15:39   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

شى جىنپىڭ سۇدان مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا سۇدان مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى فاتىخ ئىزادىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېرىم ئەسىرىدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو سۇدان دوستلۇقى مۇستەھكەملىنىپ، ئىككى دۆلەت باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، بىر-بىرىنى قوللاش، ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلبە قىلىشتىكى ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداش، ياخشى شېرىككە ئايلاندى. جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە باشتىن-ئاخىر ئىستراتىگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراققا نەزەر سېلىش نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، جۇڭگو ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، سۇدان بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى دوستلۇق ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە يېزىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ئالاقىسى-ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئالماشتۇرۇش، ئۆز-ئارا ئەينەك قىلىشنىڭ مۇھىم يولى. مەن جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن سۇدان مىللىي پارلامېنتىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قوللايمەن، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  فاتىخ مۇنداق دېدى: مەن ئىككى دۆلەتنىڭ خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، قېرىنداشلاردەك دوست ئۆتىدىغان جۇڭگوغا كەلدىم، جۇڭگونىڭ سۇداننىڭ ئىقتىساد جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پائال ياردەم بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، كانچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى شۇنداقلا خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ماسلىشىش، كېڭىشىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇغۇچى مەنبەسى كىرىزىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىنتىزامىغا خىلاپ كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ سەمىمىيەت ئارخىپى…
      ·بېيجىڭ ساقچى تەرەپ تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسىنى قوراللىق چارلايدۇ، تاساددىپىي ھادىسى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرى يېڭىلانمايدۇ
      ·يۈ جېڭشېڭ: كەسپىي مائارىپ مەسىلىسى مائارىپ مەسىلىسىلا ئەمەس، يەنە مۇھىم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ۋە ئى…
      ·بۇ يىل 28 ئۆلكىدە ياقا يۇرتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش يولغا قويۇلدى
      ·2014-يىلى مەملىكىتىمىز بويىچە 9 مىليون 390 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى: نۆۋەتتە ھوقۇق-پۇل سودىسى ئا…
      ·مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى قايتا تەكشۈرۈلىدۇ، ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قى…