باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئۇزاق مۇددەت تۇمان تۈتەكنىڭ ئادەم بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئۆلچەيدۇ

2014.04.08 08:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىز تۈتەك تۇماننىڭ ئادەم بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئۇزاق ۋاقىت ئۆلچەپ، تۇماننىڭ سالامەتلىككە كەلتۈرىدىغان خەتىرىنى باھالايدۇ.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلى دۇنيا بويىچە 7 مىليون كىشى ھاۋانىڭ بۇلغۇنىشىدىن كېلىپ چىققان كېسەللەردە قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىمى تۆۋەن ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەركەن، دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يوڭ مۇنداق دېدى: دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى نۆۋەتتە تۈتەك تۇمان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، بىز تۈتەك تۇماننىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئاساسلىق مۇنداق بىرقانچە جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردۇق،بىرىنچى، ھاۋا بۇلغۇنۇشىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىنى ئۆلچىدۇق، ئىككىنچى ئالاقىدار تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردۇق، ئۈچىنچى مۇھىت ئاسراش، ھاۋا رايىغا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بولغان ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە ئالدىن سېگنال بېرىش بىرلەشمە ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

  جاڭ يوڭ مۇنداق دېدى: دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تۇمان تۈتەكنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرىدۇ، ئۇزاق مۇددەت داۋاملىق نازارەت قىلىپ ئۆلچەش ئارقىلىق ھاۋانىڭ بۇلغۇنۇشىنىڭ ئادەم بەدىنىگە كەلتۈرىدىغان خەتىرىنى باھالاشنى، تارماقلار ئارا ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۇمان تۈتەكنىڭ سالامەتلىككە كەلتۈرىدىغان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر