مالايشىيا ساباھ ئىشتاتى باش ساقچى تەپتىشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا
شىنخۇا تورى ، كۇئالا لۇمپۇر ، 3-ئاپرېل تېلېگراممىسى : 3-ئاپرېل ، مالايشىيا ساباھ ئىشتاتىنىڭ باش ساقچى تەپتىشى: ‹‹ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، 2-ئاپرېل سىمبورنا ئەتراپىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئىككى ئايال ۋاقتىنچە بىخەتەر ئىكەن ›› دېگەن . ساقچى تەرەپنىڭ قارىشىچە ، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ پاراخوتى ساباھ دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ ، ئاللىقاچان فىلىپپىن دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ بارغان .
نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە پېرتتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مالايشىيا زۇڭتۇڭى ناجىب 3-ئاپرېل مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى ئېنىقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان .