باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى

2014.04.03 15:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا يۈ جېڭشېڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى يەتكۈزۈلدى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلىگەن) يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا يۈ جېڭشېڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، شۇنداقلا يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەننىڭ شىنجاڭنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەستىقى قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان مۇھىم يېتەكچىلىكى، تەلەپلىرى ئۆگىنىلدى ۋە يەتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ 26 – مارتتىن 30 – مارتقىچە مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ، مەخسۇس بەش كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ، شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم قەشقەر شەھىرى، بىڭتۈەن تويۇن چارۋىچىلىق مەيدانى، ئارال شەھىرى، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائەت شەھەرچىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا تەكشۈرۈشتە بولدى.

  يۈ جېڭشېڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان تۆت يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شىنجاڭدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ نىشان ۋە مۇھىم نۇقتىنى پۇختا ئىگىلەپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئومۇمىي نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ۋە بىڭتۈەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقى شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتچىل، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش، ئۆزى ئۈلگە بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن 1 – ئاپرېل ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم تەستىق سېلىپ، پائالىيەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتى 2 – تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە –ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە ۋە تۇتقا، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى. مەركەزنىڭ 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، پائالىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پائالىيەتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پائالىيەتنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك دوستلۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك. زامانىۋى تەپەككۇر، زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئومۇمىي نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، ئىختىساسلىقلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن ئىناقلىقى ۋە بىڭتۈەننىڭ خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر