باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

MH370-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

2014.04.08 08:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋسترالىيە بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزى 6-ئاپرېل مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH370-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى تەكشۈرۈش ۋە ئاختۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرلەش ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتىسى تۆۋەندىكىچە: 1. جۇڭگونىڭ «دېڭىز چارلاش-01» نومۇرلۇق پاراخوتى كۆزەتكەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسى چىقارغان ئىمپۇلسلىق سىگنال ھازىرقى ئەڭ ئىشەنچلىك يىپ ئۇچى؛ 2-جۇڭگو ئىككى قېتىملىق سىگنالنى بايقىدى، ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ، 2-قېتىملىق سىگنالنىڭ ۋاقتى بىر يېرىم مىنۇت كېلىدۇ؛ 3. ئاۋسترالىيەنىڭ «دېڭىز قالقىنى» ناملىق پاراخوتى يېڭى سىگنالنى بايقىدى. 4. 5-ئاپرېل بايقالغان ئاق رەڭلىك لەيلىمىنىڭ بۈگۈنگىچە بايقالغان سىگنال بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس؛ 5. مۇناسىۋەتلىك دېڭىز ساھىلىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 4500مېتىر كېلىدۇ، سۇ ئاستىنى ئاختۇرۇشتا قىيىنلىق كۆپ؛ 6. ئەنگلىيە ئاۋسترالىيە پاراخوتلىرى جۇڭگونىڭ ئاختۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ؛ 7- ھازىر ۋاقتىنچە ئاختۇرۇش رايونىنى ئۆزگەرتمەيمىز؛ 8. سۈنئىي ھەمراھ ئۇچۇرىنى يەنىمۇ تەھلىل قىلىمىز؛ 9.جۇڭگونىڭ تەڭ بەھرىمان بولىدىغان ئۇچۇرلىرى ناھايىتى ئېنىق، ئاۋسترالىيە جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئالاقىلىشىپ، جۇڭگو بىلەن ماسلىشىدىغان خادىملارنى كۆپەيتىدۇ؛ 10. بارلىق ئۇچۇرنى يوشۇرمىدۇق، يەنە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر