باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ روستوۋ ئوبلاستىدا ئۆتكۈزگەن ھەربىي مانېۋىرىنى كۆپتۈرمەسلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى

2014.04.04 16:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف تۈنۈگۈن ئۇكرائىنا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوشنا كېلىدىغان روستوۋ ئوبلاستىدا ئۆتكۈزگەن ھەربىي مانېۋىرىنى كۆپتۈرمەسلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  لاۋروف مۇنداق دېدى: رۇسىيە قۇراللىق كۈچلىرى ئۆز زېمىنىدا يۆتكىلىشى ھېچقانداق قانۇنىي مەسىلىگە چېتىلمايدۇ. رۇسىيە پىرىزدېنتى پۇتىن يېقىندا گېرمانىيەنىڭ باش مىنستىرى مېركىل بىلەن تېلېفونلاشقاندا، يۇقىرىدىكى ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقان قىسمىدىكى بىر باتالىيوننىڭ سامارا ئوبلاستىدىكى تۇرۇشلۇق ئورنىغا قايتقانلىقىنى، مانېۋىرغا قاتناشقان باشقا قىسملارنىڭمۇ ئارقا-ئارقىدىن قايتىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

  لاۋروف مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىندا بىر قىسىم كىشىلەر ئەمەلىيەتتىن قاتتىق چەتنەپ، رۇسىيەنىڭ ھەربىي مانىۋېرىنى زىيادە كۆپتۈرۋەتتى، رۇسىيە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ ھەربىي مانېۋىرغا ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر