باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ بەش پاراخوتى گۇمانلىق قارا قۇتىنىڭ سىگنالىنى قايتا تەكشۈردى

2014.04.08 08:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 7-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن «دېڭىز چارلاش 01» ناملىق پاراخوت نەق مەيدان قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئۇقۇشىچە، بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاپرېل سائەت سەككىزدە، جۇڭگو دېڭىزدا قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ بەش پاراخوتى جەنۇبىي كەڭلىك 25 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 101 گىرادۇسنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزغا يىغىلىپ، يېقىندا «دېڭىز چارلاش 01» ناملىق پاراخوت بايقىغان گۇمانلىق قارا قۇتا سىگنالىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قايتا تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەن.

  «دېڭىز چارلاش 01» ناملىق پاراخوتنىڭ كاپىتانى جياڭ لوڭ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاپرېل سائەت سەككىزدە، جۇڭگونىڭ تۆت پاراخوتى بۇ رايوننىڭ غەربىي يېرىمىنى ئىزدىدى، شەرقىي يېرىمىدىكى 72 كىلومېتىرلىق دائىرىنى ئەنگلىيەنىڭ «ئەكس سادا» ناملىق پاراخوتى ئىزدىدى. بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاپرېل سائەت 14 تىن تارتىپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە پاراخوتلىرى ئىزدەش رايونلىرىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ، گۇمانلىق قارا قۇتىنىڭ سىگنالىنى قايتا تەكشۈرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ «ئەكس سادا» ناملىق پاراخوتىدا چوڭقۇر دېڭىزنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بار بولۇپ، تېز سۈرئەتتە ئۆلچەپ، تەكشۈرۈش دائىرىسىنى تېخىمۇ كەڭ، ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى قىلالايدىكەن. ئىزدەش ۋاقتىدا، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى پاراخوتلىرى ۋە خىزمەت كېمىلىرى ئەنگلىيەنىڭ پاراخوتى بىلەن ئۈچ دېڭىز مىلى بىخەتەر ئارىلىقنى ساقلايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر