باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

غەربىي قىسىم رايونىدىكى ئەڭ چوڭ «ئايروپىلان دوختۇرخانىسى» قۇرۇلماقتا

2014.04.08 08:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  30 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان شەنشى شىشيەن يېڭى رايونى ھاۋا پورتى يېڭى شەھىرى ئايروپىلان رېمونت قىلىش بازىسى نۆۋەتتە جىددىي قۇرۇلماقتا، بۇ تۈر قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ «ئايروپىلان دوختۇرخانىسى»غا ئايلىنىپ، ئايروبۇس، بوئېن قاتارلىق ئايروپىلانلارنى رېمونت قىلىش ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

  جۇڭگو ئاۋىياتسىيە بازىرىنىڭ 2030-يىللىق ئىستراتېگىيەلىك نىشانى يولۇچىلارنى توشۇش مىقدارىنى 1 مىليارد 500 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈپ، يەر شارى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىدىكى ئەڭ چوڭ بازارغا ئايلىنىپ، بۇ چوڭ بازار ئېھتىياجلىق بولغان كەسىپ زەنجىرىنىڭ تېزدىن باش كۆتۈرۈشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش. خەلق ئاۋىياتسىيە رېمونت قىلىش كەسپى 12- بەش يىللىق پىلان تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى پىكىرىدە مۆلچەرلىنىشىچە، 2015-يىلى ئېلىمىزنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيەسىدىكى تۈرلۈك تىرانسپورت ئايروپىلانلىرى نۆۋەتتىكى 1600 دىن 2890 غا كۆپىيىدىكەن. خەلق ئاۋىياتسىيە ئايروپىلان ئەترىتى سانىنىڭ تېز كۆپىيىشى، ئايروپىلان رېمونت قىلىش كەسپىگە بىر ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار ئەربابى ئىلگىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن ئىدى: 2015-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە رېمونت قىلىش كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 45 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر