باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گېرمانىيە تاراتقۇلىرى رۇسىيە ش ئا ئە ت نى غەپلەتتىن ئويغاتتى دېدى(1)

2014.04.04 16:29        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پات ئارىدا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ. رۇسىيەنىڭ ھەيۋە قىلىش لۇشيەنى پات ئارىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىدۇ. لېكىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى زادى قانچىلىك كۈچلۈك دېگەن مەسىلە يەنىلا مەۋجۇت.

  پات ئارىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 65 يىل بولىدۇ. لېكىن ھېچكىمنىڭ بۇنى تەبرىكلەشكە رايى يوق. بۇنىڭ ئەكسىچە، نەچچە ئايدىن بۇيان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاندېرىس فوگ راسموسېن باشتىن-ئاخىر بۇ ئەنئەنىۋى ھەربىي ئىتتىپاق نېمە ئۈچۈن كەلگۈسىدىمۇ يەنىلا مۇھىم بولىدۇ ھەم قانداق قىلىپ قايتىدىن روھلىنىشنىڭ ئاساسلىرىنى تېپىشقا بىر يېڭى چۈشەندۈرۈش ئىزدىدى. ئەمما ھازىرغىچە بۇنىڭ نەتىجىسى بولمىدى، راسموسېن يېڭى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەسەۋۋۇرىنىڭ مەزمۇنىنى ئىپادىلەپ بېرەلمىدى، ئۇنىڭ ھېكايىسىدە نۇرغۇن مەزمۇنلار كەم، يەنى 2013-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي چىقىمىغا بىر تىرىليون 23 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كەتكەن.

  ئەنئەنىۋى دۈشمىنى رۇسىيەدىن مەھرۇم قالغاندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئورتاق ۋەزىپىسى كەم قالغاندەك تۇرىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ 65 يىلدىن كېيىن غەپلەت ئۇيقۇسىغا پېتىپ قالدى، ئۇ دەم ئېلىشقا چىققاندەك قىلاتتى.

  نۆۋەتتە، بۇ ئىش ۋاقتىنچە ئۆتمۈشكە ئايلىنىشى مۇمكىن. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن قىرىمنى يۇتۇۋالغانلىقتىن، شەرقىي ياۋروپانىڭ جۇغراپىيە ئىستراتېگىيەلىك كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى تەۋرىتىپ قويدى. رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى خۇددى تارىخىي مەسخىرىگە ئوخشاش شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا يۈرەك كۈچەيتىش دورىسى بەرگەندەك بولدى. پۇتىن بۇندىن كېيىن نېمە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ قېتىمقى ئۇيقۇنى باشتىن كەچۈرگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇشۇنداقلا ئۆتىۋېرىشى مۇمكىن ئەمەس. 1-ئاپرېل كەچتە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىريۇسسېلدىكى يىغىندا، رۇسىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى ئۈزۈپ تاشلاشنى قارار قىلدى. لېكىن رۇسىيە بىلەن بولغان سىياسىي سۆزلىشىشنى ساقلاپ قالماقچى بولدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر