باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلاردىكى مەنزىرىگاھلاردا ساياھەتچىلەر كۆپەيدى

2014.04.08 08:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چوكانتال بايرىمى مەزگىلىدە جايلاردىكى مەنزىرىگاھلاردا ساياھەتچىلەر كۆپ بولدى، ساياھەت رايونلىرىنىڭ تەرتىپى ۋە مۇھىتى ئازراق تەسىرگە ئۇچرىدى، يۇقۇرى دولقۇندىن ساقلىنىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سىرتلارغا چىقىپ ئارام ئېلىشىدىكى بىرىنچى تاللاش بولدى، 7-ئاپرېل بارامنىڭ ئاخىرقى كۈنى، جايلاردىكى چوڭ شەھەرلەر قايتىش يۇقۇرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى.

  بۇ قېتىمقى بايرامدا ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى بەزى ساياھەتچىلەر داڭلىق، قىستاڭچىلىق مەنزىرە رايونلىرىنى ئەمەس كىچىك، ئادەم ئاز بارىدىغان ساياھەت رايونلىرىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى تاللىدى، جىلىن ئۆلكىسى موزىي يۇرتىنىڭ تۆت خىل ئالاھىدە كۆرگەزمىسى ئوخشاش ۋاقىتتا ئېچىلدى، چاڭچۈن شەھىرىدىكى ما خانىم ئالاھىتەن بالىسىنى باشلاپ كېلىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلدى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: نەگىلا بارساق ئادەم كۆپ ئۆچىرەتتە تۇرىدىغان گەپ، شۇڭا بۇ قېتىم جىمجىت يەرگە بېرىپ ئارام ئالغاچ، بالىغا تارىختىن جانلىق دەرس ئۆتەيلى دېدۇق.

  مەنزىرە رايونلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ داۋاملىق كۆپۈيۈشى بەزى مەسىلىلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى، خېبېي ئۆلكىسى تاڭشەن نەنخۇ باغچىسىدا قالايمىقان ماشىنا توختىتىش ھادىسىسى كۆپ يۈز بەردى، مودەن گۈلىگە پۈركەنگەن ئەنخۇي توڭلىڭ سۇمرۇغ تېغى مەنزىرە رايونىدا نۇرغۇن ساياھەتچىلەر گۈللەرنى تاماشا قىلىپ رەسىمىگە تارتىش بىلەن بىرگە يەنە ئاڭسىزلىق بىلەن دەسسىدى، بەزى ساياھەتچىلەر رىشاتكىلاردىن ئارتىلىپ ئۆتۈپ، رەسىمىگە تارتتى.

  قاتناش تىرانسپورت مىنسىتىرلىقى يول تورى مەركىزى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 7-ئاپرېل چۈشتىن باشلاپ، ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەرگە كىرىدىغان يوللار قايتىش يۇقۇرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى، گۇاڭشىنىڭ شەرقى، گۇاڭدوڭنىڭ ئوتتۇرا غەربى، جياڭشىنىڭ شىمالىي قاتارلىق جايلاردا قاتتىق ۋە قارا يامغۇر ياغدى، قىسمەن جايلاردا زور كۆلەملىك قارا يامغۇر ياغدى، ناچار ھاۋا رايىدا يوللار تېيىلغاق بولۇپ، كۆرۈش دەرىجىسى ناھايىتى تۆۋەن بولدى، قىسمەن يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىدە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ھەيدەش تەدبىرى قوللىنىلدى، بۇ قايتىش يۇقۇرى دولقۇنىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر