باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

10-نۆۋەتلىك خۇاسەي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سۆرەتلەر ئېلان قىلىندى(1)

2014.04.16 16:22   مەنبە: خەلق تورى

10-نۆۋەتلىك خۇاسەي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سۆرەتلەر ئېلان قىلىندى(1)

  10-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق فوتو سۈرەت رەسىملەر مۇسابىقىسى (2013-يىللىق خۇاسەي فوتو سۈرەت رەسىم مۇسابىقىسى) گە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى باھالاپ چىقىش نەتىجىسى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ ئاخبارات بىناسىنىڭ مېھمانسارىيىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كانادالىق ئاخبارات فوتوگرافى- كەيلىن فېيلېر تارتقان «تەيفېڭ بورىنى- بورانقۇشى» ناملىق فوتو سۈرەتلەر بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئاخبارات فوتو سۈرەتلىرى تۈرىدە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ رەسىملەر توپى يەنە بۇ مۇسابىقىنىڭ ئۇرۇش جەڭ مەيدان رەسىملىرى تۈرى بويىچىمۇ ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنىدى.

  بۇ قېتىملىق خۇاسەي فوتو سۈرەت رەسىم مۇسابىقىسى ‹ تېنچلىق ۋە تەرەققىيات› نى باش تېما قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە دۇنيادىكى 60 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئاخبارات فوتوگرافلىرى ۋە سىنئالغۇچىلىرىنىڭ 3000 پارچىغا يېقىن ئەسەرلىرى قاتناشتۇرۇلغانىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، رېيتىر ئاگنېتلىقى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەسىملىك خەۋەرلەر ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان داڭلىق ئاخبارات ئاگېنتلىقىلىرىنىڭ ئاخبارات فوتوگرافلىرىنىڭ 2013-يىلى ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر خاتىرىلەنگەن نۇرغۇن ئەسەرلىرى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغانىدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ باھالاش مۇراسىمى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدا رەسمىي باشلانغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئەسەرلىرىنى باھالاشقا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى داڭلىق خەلقئارالىق فوتوگرافلاردىن 13 نەپەر ئاخبارات فوتوگرافى قاتناشقان بولۇپ، باھالىغۇچىلار تۆت كۈن جىددىي باھالاپ چىقىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا 63 مۇكاپاتلىق ئەسەر تۈرىنى تاللاپ چىققان.تۆۋەندە بىز بىرلىكتە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە كاتتا نەتىجە قازانغان فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز