باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

بالىلارنى بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ئارقىلىق يېتەكلەيلى

2014.04.10 10:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەگەر بالا چوڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسا، ئاتا – ئانا بالىلارنى ئەيىبلىمەسلىكى كېرەك. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا – ئانا تەلەپ قىلغان ئىشنى بالىسى بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلىسا بولىدۇ. ئەگەر بالا چوڭلار تەلەپ قىلغان ئىشنى ھەمىشە ئېسىدە تۇتالمىسا، ئاتا – ئانا ئامالنىڭ بارىچە بالىنىڭ ۋاقىتىنى كونترول قىلىش ۋە ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.

  بالىلار ھەرخىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپىنى قاندۇرۇشقا موھتاج بولىدۇ، ئائىلە باشلىقلىرى مۇشۇ ۋاقىتتا بالىدىن ئۆز بۇيرۇقىنى ئاڭلاشنى تەلەپ قىلسا، بۇنداق بۇيرۇق ھەدىگەندە ئۈنۈم بەرمەي قالىدۇ. مەسىلەن، ئائىلە باشلىقى بالىدىن تۈز يەردە مېڭىشنى، يەردىكى دەرەخ يوپۇرمىقى، كەمپۈت قەغىزىگە تەگمەسلىكنى تەلەپ قىلسا، بالىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىش تەلىپىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بالىنىڭ ئىزدىنىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش رىتىمىنى بۇزۇپ قويىدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانا ئۆزىنىڭ بالىغا بەرگەن بۇيرۇقىنى ئاڭلىق كونترول قىلىپ، ئامال بار بالىغا بۇيرۇق قىلماسلىقى كېرەك.

  بالىلار ئۆسۈپ – يېتىلىش جەريانىدا، ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى كۈچۈم ئاجىز، دەپ قاراپ بەزى ناچار كەيپىياتلارنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ. مەسىلەن، ئازابلىنىش، قورقۇش، ئوڭايسىز ئەھۋالدا قېلىش، مەيۈسلىنىش، كۆڭلى يېرىم بولۇش، خاپا بولۇش قاتارلىقلار. ئەگەر بالىلارغا خۇشال بولغاندا قاقاقلاپ كۈلۈش، كۆڭلى يېرىم بولغاندا يىغلىۋېلىش، خاپا بولغان ۋاقىتتا نارازىلىقىنى ئىپادىلەش پۇرسىتى بېرىلسە، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى ناچار تەسىرلەرنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر كەيپىياتى ۋاقتىدا ئوڭشالمىسا، بەزى ئادەتتىكى كىچىك ئىشلارمۇ بالىدا كۈچلۈك قارشىلىشىش كەيپىياتى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئاتا – ئانا بالىنىڭ كەيپىياتى ناچار ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن گەپ ئاڭلاشنى تەلەپ قىلسا، بۇ تەلەپ بىر بولسا ئۈنۈم بەرمەسلىكى، بىر بولسا ناچار كەيپىياتنىڭ جۇغلىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. پىسخولوگلار ياش – ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتتىكى نۇرغۇن پىسخىك مەسىلىنىڭ ناچار كەيپىياتنىڭ جۇغلىنىپ قېلىشىنىڭ ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئەگەر بالا كۈچلۈك نارازىلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلىگەن ۋاقىتتا، ئېغىر – بېسىقلىق بىلەن بالىغا ھەمراھ بولسا، بالىنىڭ بۇنداق ناچار كەيپىياتىنى تۈگىتىشىگە ياردىمى بولىدۇ.

  بالىلارچە ئۇسۇل قوللىنىشقا ماھىر بولۇپ، بالىنىڭ قائىدە – تەرتىپ يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. پىسخولوگلار يېشى كىچىك بالىلار يېشى چوڭ بالىلارغا قارىغاندا دۆت كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، خالاس. ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭلار بىلەن بالىلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىمۇ تامامەن ئوخشاش بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. چوڭلار بالىلارنىڭ گەپ ئاڭلىماسلىق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، بالىلاردىن چوڭلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ھۆكۈم قىلىش، قارار چىقىرىش ئۇسۇلىنى تەلەپ قىلسا ئاقىلانىلىك بولمايدۇ.

  شۇڭا، ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئىقتىدار نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، بالىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئادىتى بويىچە بالىلارنى يېتەكلىشى، ئويۇن ئويناش ئارقىلىق بالىلارغا قائىدىگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىشى كېرەك. مانا بۇ ئاتا – ئانىلاردىن بالىلارنى چۈشىنىش ئاساسىدا بالىلاردا قائىدە – تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر