خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد ئايۇپ خەۋىرى: قاراسۇ قۇملۇق ساياھەت كوپىراتىپى يەكەن ناھىيەسىنىڭ قاراسۇ يېزا ئاچابىشى كەنتىدە بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئاچابىشى كەنتىدىكى دېھقانلار قۇملۇق ساياھەت كوپىراتىپىدا تۈرلۈك مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرماقتا. (مۇخبىر يەكەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن نۇرمۇھەممەد ئايۇپ خەۋىرى)
سۈرەتتە: بۇ قۇملۇق ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ياش تۆگىچىلىرى پېشقەدەم تۆگىچىلەردىن تەجرىبە ئۆگەنمەكتە.
مەنبە: خەلق تورى