باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ئاياللارنى تور جىنايىتىدىن ئاگاھ بولۇش بولۇشقا چاقىردى

2014.10.22 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بۈگۈن تور ئارقىلىق سادىر قىلىنغان قىز-ئاياللار ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇقىغا چېقىلىش قاتارلىق يەتتە تىپىك جىنايەت دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە دېلو قاتىللىق، تۇتقۇن قىلىش، باسقۇنچىلىق قاتارلىق زوراۋانلىق جىنايىتىگە چېتىلىدۇ.

  بۇ يەتتە دېلو مىسالى جاۋابكار فېڭ ۋېندۇڭنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭچىلىق دېلوسى، جاۋابكار خۇاڭ سۇئەننىڭ ئالدامچىلىق دېلوسى، جاۋابكار ۋاڭ داۋخۇڭنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى، جاۋابكار شياۋ كېچېننىڭ تۇتقۇن قىلىش، باسقۇنچىلىق دېلوسى، جاۋابكار يې جېنچياڭنىڭ تۇتقۇن قىلىش دېلوسى، جاۋابكار جاڭ شېڭگۇينىڭ باسقۇنچىلىق دېلوسى ۋە جاۋابكار جاۋ شياۋمىڭ قاتارلىقلارنىڭ قانۇنسىز قاماپ قويۇش دېلوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «تور جىنايىتى رېئاللىقتا يۈز بېرىدۇ، مال-مۈلۈك جىنايىتى بىلەن ئىقتىسادىي جىنايەتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولىدۇ، لېكىن زوراۋانلىق جىنايىتىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش مۈشكۈل.» ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار 1-سوتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن ماۋكۇن مۇنداق دېدى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ھەۋىسى كۈچلۈك، مۇداپىيە ئېڭى ئاجىز بولغاچقا جىنايەتچى ئۇنسۇرلار زوراۋانلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاسانلا بويسۇندۇرۇۋالىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن ئاياللار تورغا چىققاندا ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنى قوغداشقا دىققەت قىلىشى لازىم. ئاتا-ئانا، مەكتەپ قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھامىيلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار ئاپپاراتلار ۋە خادىملار باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ مۇداپىيە ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. جاۋابكار جاڭ شېڭگۇينىڭ باسقۇنچىلىق دېلوسىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى فەن x (قىز، 18-ياش) دەل QQ ئارقىلىق جاۋابكار جاڭ شېڭگۇي بىلەن تونۇشقان.

  شۈ شيې خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر