باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز نېفىت-تەبىئىي گاز زاپىسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش جەھەتتە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى

دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتى %90تىن ئاشتى

2014.10.22 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت زېمىن-بايلىق مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ قېزىلما بايلىق دوكلاتى (2014)»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلى، ئېلىمىزدە 1 مىليارد 83 مىليون توننا نېفىت زاپىسى، 615 مىليارد 911 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى يېڭىدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بولۇپ، بايلىق زاپىسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش جەھەتتە زور كۆلەمدە ئېشىش قولغا كەلتۈرۈلگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودا يولغا قويۇلغان «كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتى»نىڭ روشەن ئۈنۈمى كۆرۈلگەن. ئۈچ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن جەمئىيەت بويىچە كان ئىزدەشكە 350 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جەمئىيەت مەبلىغى %80تىن يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن. يېڭىدىن 451 جايدا ئوتتۇرا-چوڭ تىپتىكى كان بايلىقى بايقالغان بولۇپ، يېڭىدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئاساسىي كان بايلىقلىرىنىڭ زاپاس مىقدارى روشەن ئاشقان. دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتى» يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى ۋاقىت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 45 خىل ئاساسلىق كان بايلىقى ئىچىدە 37 خىل مەھسۇلاتنىڭ ئېنىقلانغان زاپاس مىقدارى ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر %10.7، تەبىئىي گاز %22.8، تۆمۈر %9.8، مىس %13.3، ئاليۇمىن %7.2، ئالتۇن %30.7 ئاشقان.

  جۇ شاۋجۈن، ۋاڭ خاۋ خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر