باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭ ئېبولا ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كاتىپى بان كىمۇن بىلەن تېلېفونلاشتى

2014.10.22 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 21-ئۆكتەبىر كەچتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتىنىڭ كاتىپى بان كىمۇن بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئېبولا ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

  بان كىمۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېبۇلا ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى ئويلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېبۇلا ۋىرۇسى تارقالغان دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھاياتىغا زىيان سېلىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئامانلىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە جىددىي تەھدىت ئېلىپ كەلدى. خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ۋىرۇسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە شۇكى، ۋىرۇس تارقالغان رايونلارغا ماددىي ئەشيا، مەبلەغ ۋە داۋالاش خادىملىرى جەھەتتىن ياردەم بېرىش ھەمدە پۇقرالارنى ۋىرۇس ئەھۋالىغا توغرا قاراش ۋە تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكلەپ، ۋىرۇس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يىراقنى نەزەرگە تۇتۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ياردەمنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر