باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كورلا شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى ھەسەنجان گايىت 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2014.10.23 09:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، كورلا شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى ھەسەنجان گايىت پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 2014-يىل 27-ئىيۇن ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

  2013-يىلى 5-ئايدا، ئاممىنىڭ پاش قىلىشى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دېلو تۇرغۇزۇپ، كورلا شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى ھەسەنجان گايىتنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلابلىق قىلىش قىلمىشىنى تەكشۈردى. دېلو تەكشۈرۈش جەريانىدا كورلا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى مەھمۇت مەمەت، شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى جاڭ يۈجياڭ، بايىنغولىن ئوبلاستلىق قاتناش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئەيسا مۇسا، كورلا شەھىرى تېكىچى يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئابلىز كېرەم، شەھەرلىك ئۆي چېقىپ-كۆچۈرۈپ يەر ئېلىش ۋە تولۇقلىما باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى چياۋ جيەنپىڭ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ئەبەيدۇل ئابلا قاتارلىق دۆلەت خادىملىرى شەھەردە ئۆي چېقىش، كۆچۈرۈش، ئېلىنغان يەرلەرگە تولۇقلىما بېرىش داۋامىدا خىزمەتتىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ يەر ئېلىش تولۇقلىما مەبلىغىنى ئالداپ قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، باشقىلارنىڭ تولۇقلىما پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۆزلىرى بۇ جەرياندا پارا ئېلىشتەك چىرىكلىشىش دېلوسى بايقالدى.

  ھوقۇقنى بېيىش قورالى قىلىۋېلىش

  2013-يىلى، كورلا شەھىرىنىڭ شەھەر كۆلىمى 110 كۋادرات كىلومېتىر كېلەتتى. ھۆكۈمەتنىڭ ھەر يىلى بىخەتەر ئولتۇراقلاشتۇرۇشقا سالغان مەبلىغى 100 مىليون يۈەندىن ئاشاتتى، نۇرغۇنلىغان شەھەر ئەتراپىغا يېقىن ئاھالىلەر چېقىش ـ كۆچۈرۈش بىلەن بېيىپ كەتكەنلىكتىن، بىر كېچىدىلا نەچچە يۈرۈش ھەتتا ئون نەچچە يۈرۈش ئۆينىڭ ئىگىسى بولۇپ قالالايتتى.ھەسەنجان شەھەر باشلىقى شۇنداقلا چېقىش ـ كۆچۈرۈش ئىشىغا بىۋاستە رەھبەرلىك قىلغان بولغاچقا، پۇل ئالدىدا نەپسىنى يىغالماي، ئاستاـ ئاستا قولىدىكى ھوقۇقنى بېيىش قورالى قىلىۋالغان، يەرنى ئېلىۋېلىپ چىقىش ـ كۆچۈرۈش ۋە تولۇقلىما بېرىش مەسىلىسىدە خۇسۇسىي تىجارەتچىلەر، كارخانا خوجايىنلىرى ۋە ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ پۇلىنى ئېلىپ، «دوست»لىرى ئۈچۈن ئارقا ئىشىك يوللىرىنى كەڭ ئېچىپ بەردى.

  شەھەر قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشتە نۇرغۇن چېقىش ـ كۆچۈرۈش شىركەتلىرىگە ئېھتىياج چۈشىدۇ. كورلا شەھىرىدىكى 14 چېقىش ـ كۆچۈرۈش شىركىتى ئىچىدە، ئا ئېكىس ئىككى شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرغان. 2004-يىلى، ھەسەنجان كورلا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندا، ئا ئېكىس ھەسەنجاننىڭ ساۋاقدىشى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان. ھەسەنجاننىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ھەر ھېيت بايراملاردا ئا ئېكىس ھەسەنجان ئائىلىسىنى يوقلاپ تۇرغان. ئا ئېكىسنىڭ تىرىشچانلىقى بىكار كەتمىگەن، ھەسەنجان كۆپ قېتىم شەھەرلىك چېقىش-كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئەبەيدۇل ئابلا ۋە باشقا ئالاقىدار رەھبەرلەرگە ئا ئېكسنىڭ شىركىتىگە غەمخورلۇق قىلىپ قويۇشنى تاپىلىغان. ھەسەنجان بىلەن مۇشۇنداق مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشى بىلەن ئا ئېكسنىڭ چېقىش-كۆچۈرۈش شىركىتى ناھايىتى ئاسانلا نۇرغۇن چېقىش-كۆچۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان. 2010-يىلى ھەسەنجاننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئا ئېكس چوڭ چېقىش-كۆچۈرۈش تۈرىدىن ئىككىنى قولغا كەلتۈرگەن، بۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئا ئېكس ھەسەنجانغا 80 مىڭ يۈەن بەرگەن. (داۋامى بار)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر