باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە-ھۆكۈمەتنى ماھىرلىق بىلەن باشقۇرۇپ، جەمئىيەتنى بىرلىكتە تۈزەپ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش دەرىجىمىزنى ئۆستۈرەيلى

2014.10.22 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان كىشىلەر پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىغا دىققەت قىلغاندىن سىرت يەنە مۇنداق بىر خەۋەرگىمۇ نەزىرىنى سالدى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۈچ يىل ئاۋۋالقىغا سېلىشتۇرغاندا مەملىكەت بويىچە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش سەۋەبىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ۋە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 40 پىرسەنت ئازايغان، «ھاراق ئىچسە ماشىنا ھەيدىمەسلىك، ماشىنا ھەيدىگەندە ھاراق ئىچمەسلىك» كەيپىياتى بارغانسېرى يۇقىرىلىغان. ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشنى قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىسى ئىلمىيلىك بىلەن قانۇن تۇرغۇزۇش، قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئەدلىيەدە ئادىل بولۇش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا ئەمەل قىلىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولۇپ، قانۇن مۇتەخەسسىلىرى تەرىپىدىن دۆلىتىمىزنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشىدىكى «ئىدارە قىلىش ئۈلگسى» دەپ تەرىپلەندى.

  نوپۇس ئىسلاھاتى پۈتۈن خەلقنىڭ ئارزۇسى. «گوۋۇيۈەننىڭ نوپۇس تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» شەھەر-يېزا نوپۇسىنىڭ توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، «يېزىلىقلار شەھەردە نوپۇس ئالدۇرالايدىغان بولدى»، «كۆچمە نوپۇس ئاھالىسى شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش كىتاب كۆرەلەيدىغان، كېسەل كۆرۈنەلەيدىغان، كۈتۈنۈش پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى»، مىليونلىغان دېھقانلارنىڭ «شەھەردە ماكانلىشىش» ئارزۇسى روياپقا چىقىشقا باشلىدى.

  قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش تىزگىنلىنىپ، نوپۇس ئىسلاھاتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلدى. مەملىكىتىمىزدە جەمئىيەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش-دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە خۇشاللىنارلىق مەنزىرە مەيدانغا كەلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەملىكىتىمىزنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇشىدا بىر تۈرلۈك خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىپ، «ئۆز سەنىمىگە دەسسەش»تىن «جەمئىيەت ھەمكارلىشىپ» ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان كەيپىيات شەكىللەنمەكتە؛ «مۇرەسسە قىلىش»تىن «قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش»تەك زىددىيەتنى پەسەيتىش ئۇسۇلى بارغانسېرى ئالقىشقا ئېرىشمەكتە.

  خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىش، مۇلازىمەتنى ئالدىنقى ئورۇنغان قويۇش ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم-ھۆكۈمەتلەر يېڭىلىق يارىتىپ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا ياخشى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ماھىرلىق بىلەن ئىدارە قىلىش يولىغا قاراپ ماڭدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر