باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىسسىق شامالدا گۈلە قۇرۇتۇش تۈرى بويىچە تەربىيەلەش رەسمىي باشلاندى

2014.04.16 16:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1500 يۈرۈش ئىسسىق شامالدا گۈلە قۇرۇتۇش ئۆيى سېلىش تۈرى بويىچە تەربىيەلەش باشلاندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ئىدارىسىنىڭ ئىسسىق شامالدا گۈلە قۇرۇتۇش، دەسلەپكى پىششىقلاش تۈرىگە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 4-ئاپرېلدىن 8-ئاپرېلغىچە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدە ئىسسىق شامالدا گۈلە قۇرۇتۇش تۈرى باشقۇرغۇچىلىرىنى ئۈچ قارار تەربىيەلەپ، ئىسسىق شامالدا گۈلە قۇرۇتۇش ئۆيى قۇرۇلۇشى بويىچە تەربىيەلەشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، تۈر يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون ئىسسىق شامالدا گۈلە قۇرۇتۇش، دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاش تۈرى بويىچە، 2014-يىلى 81 مىڭ 105 باشقۇرغۇچى ۋە مەشغۇلاتچى تەربىيەلەشنى پىلانلىدى. بۇلارنىڭ 105ى تۈر باشقۇرغۇچى بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاش تۈرىگە ئائىت سىياسەت-تەدبىرلەرنى، مۇكاپاتلاش، تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتلىرى ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئېلان قىلىش، تۈر تەستىقلاش، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش، تۈرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق خىزمەت تەرتىپلىرى، ياردەمگە ئىلتىماس سۇنۇش، تەكشۈرۈش، راسچوت قىلىش، ئۇچۇرلارنى ئىستاتىستىكا قىلىش، ئارخىپ تۇرغۇزۇش قاتارلىق كەسپىي بىلىملەر بويىچە تەربىيەلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ئىدارىسىنىڭ كەسپىي ماھارەتنى باھالاش پونكىتى ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە، ھەر بىر گۈلە قۇرۇتۇش ئۆيىگە ئۈچتىن بولۇپ، جەمئىي 4500 تېخنىكا مەشغۇلاتچىسى يېتىشتۈرۈپ، ئىسسىق شامالدا گۈلە قۇرۇتۇش ئۆيىنىڭ شۇ يىلى سېلىنىپ، شۇ يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شۇ يىلى ئۈنۈم يارىتىشىغا پۇختا ئاساس سالىدۇ. 52 مىڭ 500 ئۆرۈك ئۈزگۈچى، 22 مىڭ 500 ئۆرۈك ئايرىغۇچى، 1500 ئۆرۈك ساتقۇچى تەربىيەلىنىدۇ.

  جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: ئىسسىق شامالدا گۈلە قۇرۇتۇش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش تۈرى بويىچە تەربىيەلەش باسقۇچ، تۈركۈم، قاتلام بويىچە يولغا قويۇلىدۇ، گۈلە قۇرۇتۇش ئۆيىدىكى مەشغۇلاتچى، ئۆرۈك ئۈزگۈچى، ئايرىغۇچى ۋە ساتقۇچى قاتارلىقلار ئەمەلىي مەشغۇلات تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشكە قاتنىشىدۇ، ئۆرۈكچىلىك كەسپىي رايونىدىكى دېھقانلار مۇشۇنداق تەربىيەلەشتىن كېيىن، تېخنىكا بىلىدىغان، مەشغۇلات قىلالايدىغان، بېيىش يولىدا ماڭالايدىغان، زامانىۋى پەن – تېخنىكىنى ئىگىلىگەن يېزا ئىختىساسلىقلىرىغا ئايلىنىپ، گۈلە قۇرۇتۇش تېخنىكىسىنى قوللىنىشتا ئۈلگە بولىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ئىدارىسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەردىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىسسىق شامالدا گۈلە قۇرۇتۇش ئۆيى سېلىشتا ئۆلچەمگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلار تېخنىكا تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ قۇرۇلۇش قىلىشى، ئىش ھالقىلىرىنى قىسقارتماسلىقى، ماتېرىيال ئوغرىلىماسلىقى كېرەك. تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش جەريانىدا ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنىڭ شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى بايقالسا، بىردەك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى 10-مايغىچە تاماملاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر