باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: توردىكى شەھۋانىي ئۇچۇرلار بەزى ياش-ئۆسمۈرلەر جىنايەت يولىغا باشلاۋاتىدۇ

2014.04.16 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  توردىكى چاكىنا ماقالە، سۈرەت، سىن ۋە شەھۋانىي مەزمۇنلار كىشىنى چۆچۈتىدۇ، بۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن چوڭ خەۋپ يەتكۈزىدۇ، «شەھۋانىيلىق ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىپ، تورنى تازىلاش-2014» ناملىق مەخسۇس ھەرىكەت ئەل رايىغا لايىقلاشقانلىقتۇر.مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر لى ۋېيخۇڭ مۇنداق دېدى: شەھۋانىيلىق ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت بازىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ــ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ قابىلىيەتلىك ئادەم بولۇشىغا، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە، ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىگە، مىللەتنىڭ ئۈمىدى ۋە دۆلەتنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك. شەھۋانىيلىق ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش خىزمىتى دۆلەتكە، خەلققە، مائارىپقا پايدىلىق، مەخسۇس تۈر بويىچە تۈزەش خىزمىتىنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر.

  لى ۋېيخۇڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، توردىكى شەھۋانىي ئۇچۇرلار تور بېكىتى، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى، ھازىرىي ئالاقە قوراللىرى، ئاقىل كۆچمە تېرمىنال قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تارقىلىپ، قايتا-قايتا چەكلىسىمۇ تۈگىمىدى، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زور خەۋپ يەتكۈزۈپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ روھىي، جىسمانىي ساغلاملىقىغا، ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى، ھەتتا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىپ، بىر قىسىم ياش-ئۆسمۈرلەرنى جىنايەت يولىغا باشلىدى، بۇ بىزگە ئاچچىق ساۋاق بولدى. كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بۇنىڭدىن قاتتىق قايغۇرۇپ، كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى، ھەمدە تور مۇھىتىنى تازىلاپ، ياش-ئۆسمۈرلەرلەرگە ساغلام تور مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشنى ئۈمىد قىلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر