- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو كېيىنكى قەدەملىك ئىزدەش لايىھەسىنى ياخشىلىدى ۋە تەڭشىدى، «كۆك پالاقچىلىق تۇننۇس بېلىقى»نىڭ تۇنجى قېتىملىق چارلىشىدا چوڭ بايقاش بولمىدى
2014.04.16 16:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو قاتناش-ترانسپورت مىنىستىرلىقى 15-ئاپرېل مالايشىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يوقاپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىزدەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنى ۋە دېڭىزدا ئىزدەش گۇرۇپپىسىنىڭ 4-قېتىملىق جىددىي كېڭىشىش يىغىنىنى چاقىرىپ، كېيىنكى قەدەملىك ئىزدەش خىزمىتىنىڭ لايىھەسىنى ياخشىلىدى ۋە تەڭشىدى. ئاۋسترالىيەنىڭ «دېڭىز قالقىنى» ناملىق ھەربىي پاراخوتىدىكى «كۆك پالاقلىق تۇننۇس بېلىقى» ناملىق ئاپتوماتىك سۇ ئاستى چارلىغۇچى شۇ كۈنى ئەتىگەندە تۇنجى قېتىملىق چارلاشنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىدى، تەكشۈرۈش، ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەھلىل قىلىشتىن چوڭ نەتىجە چىقمىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر