باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ چىشەن مەركەزگە قاراشلىق ئورگانلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2014.04.15 10:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ چىشەن يېقىندا مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  ۋاڭ چىشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە-جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى-پارتىيەنىڭ ھايات-ماماتىغا، يۈز يىللىق ئىككى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش-ئاشۇرالماسلىققا مۇناسىۋەتلىك. نۆۋەتتە، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن مۇرەككەپ. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تەمكىنلىك، سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، پارتىيەنىڭ بارلىق كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش لازىم. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىكنى جازالاشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا باشلامچىلىق رول ئوينىشى؛ مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۆت ناتوغرا ئىستىلنى تۈزىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ئەلرايىنى ئۆزلۈكسىز مۇجەسسەملىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر