باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن خۇبېيدا تەكشۈرۈش تەتقىق قىلدى

2014.04.15 10:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى ليۇ يۈنشەن 11-ئاپرېلدىن 13-ئاپرېلغىچە، خۇبېي ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ لەنكاۋ ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچنى چىڭىتىش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جياۋ يۈلۇنى ئۈلگە قىلىپ، باش مەقسەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاممىغا مۇھەببەت باغلاپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، كۈتۈۋاتقان ئىستىلنى ياخشىلاش مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، مەسىلە ھەل قىلىدىغان ئەمەلىي ئۈنۈمگە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن 2-تۈركۈمدىكى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېنشى، خۇاڭشى، ئېجۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، مەھەللە، كارخانا ۋە كۆزنەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  ئېنشى ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، فېڭشياڭپو دوڭزۇلار كەنتى، تۇداۋشۈي كەنتىدە، ئامما مەركەز قانات يايدۇرغان تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئەلرايىغا ئۇيغۇنلاشقانلىقى، ھازىر پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىستىلدا تېخىمۇ سەمىمىي بولۇپ، پۇقرالارغا ئىش قىلىپ بېرىش ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ ئۆسكەنلىكىنى ئىنكاس قىلىپ، بۇنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى، ليۇ يۈنشەن بۇنى چوڭقۇر قۇۋۋەتلىدى.

  ليۇ يۈنشەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، 2-تۈركۈمدىكى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى مەخسۇس سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشىكنى داغدام ئېچىۋېتىپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجلىق مەسىلىلىرىنى سوراپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆزگەرتىپ، ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە تۇتۇش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئاممىغا يېڭى كەيپىياتنى ئۆزلۈكسىز گەۋدىلەندۈرۈپ، پائالىيەتنىڭ پۈچەك، قۇرۇق، بىر تەرەپلىمە بولماسلىقىغا، رەسمىيەتچىلىك قىلماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر