باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

قىرغىزىستان تۇرمۇشىدىكى جۇڭگوچە ئىستېمال

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا زىيارەت قىرغىزىستان (1)

2014.04.17 13:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېلىمىز بىلەن بولغان چېگرا ئۇزۇنلۇقى 1000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى تەۋەسىدىكى تورغات ۋە ئەركەشتام پورتلىرى قىرغىزىستاننىڭ ئىككى چوڭ شەھىرى بېشكەك بىلەن ئوشقا بىۋاسىتە ئېچىۋېتىلگەن.

  مەن مارتنىڭ ئوتتۇرىلىرى قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك، ئوش، قاراسۇ، ئىسسىقكۆل شەھەرلىرىدە ئون كۈندەك مۇخبىرلىق قىلىپ، قىرغىزىستاندىكى ‹‹جۇڭگو ئامىللىرى››نى خېلى كۆپ ئۇچراتتىم. بىز بېشكەك شەھىرىدە تۇرغان ‹‹دوستلۇق›› مېھمانخانىسى بۇ شەھەرنىڭ سىمۋولى بولغان ‹‹غالىبىيەت›› مەيدانىنىڭ ئالدىدا بولۇپ، جۇڭگولۇقلار ئەڭ كۆپ كېلىدىغان مېھمانخانا ئىكەن. جۇڭگولۇق سودىگەرلەر يەنە قىرغىزىستانغا سودا – تىجارەت بىلەن كېلىدىغان جۇڭگولۇقلارنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ مېھمانخانىنىڭ بىر قەۋىتىنى كۆتۈرە ئالغان ئىكەن، ياتاقتىكى تېلېۋىزورنى ئېچىپلا جۇڭگو شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۈچ يۈرۈش ئۇيغۇرچە قانىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى چوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ پىروگراممىلىرىنى تولۇق كۆرگىلى بولىدىكەن.

  قىرغىزىستان 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىنىڭ بېشىدا يېڭىلا مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا نىسبەتەن ئانچە تونۇلمىغان مەزگىلدە جۇڭگو، جۈملىدىن جۇڭگو شىنجاڭدىكى بىر تۈركۈم ئالدىن كۆرەر، پاراسەتلىك سودىگەرلەر بۇ جايغا دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ، زور ئۈمىد ۋە شىجائەت بىلەن قىرغىزىستاندىن ئىبارەت بۇ تۇپراققا قەدەم باسقان. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ دۆلەت تەۋەككۈلچى، تەدبىرلىك ھەم جاپا – مۇشەققەتنىڭ تۈرلۈك سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نۇرغۇن جۇڭگولۇق كارخانىچى، تىجارەتچى – سودىگەرنى تۇتام – تۇتام پۇلنىڭ ئىگىسىگە، مىليونىرلارغا ئايلاندۇرغان. ھازىرقى بېشكەك ۋە ئوشنى مەركەز قىلىپ سودا – تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مىڭلىغان جۇڭگولۇق سودىگەر ئاشۇ مەزگىللەردىن كېيىن قىرغىزىستانغا كەلگەنلەر ھېسابلىنىدۇ.

  مەن قىرغىزىستاندا نەچچە ئون يىلدىن بېرى تىرىشىپ، جاپاغا چىداپ، سەمىمىي بولۇپ، يول ھەم پۇل تاپقان جۇڭگولۇق تىجارەتچىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بەلگىلىك كۆلەم ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىنى، تىجارىتىنىڭ شۇ دۆلەت خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ھالەتكە يەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بولۇپمۇ بۇ يەردىكى جۇڭگولۇقلار قۇرغان ۋە ئىجارە ئېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان سودا مەركەزلىرىنى، تۈرلۈك جاپا ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىگىلىك تىكلىگەن، ئانا ۋەتىنىگىمۇ، قىرغىزىستانغىمۇ ئوخشاشلا شەرەپ ۋە نەپ يەتكۈزۈۋاتقان جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنى زىيارەت قىلدىم.

  17 – مارت قىرغىزىستان بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال توپ تارقىتىش بازىرى ھېسابلىنىدىغان بېشكەك ‹‹دوردوي›› بازىرىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ بازاردا جۇڭگونىڭ چىش پاستىسىدىن تارتىپ، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كىيىم – كېچەك ۋە ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىگىچە ھەممە نەرسىنىڭ تېپىلىدىغانلىقىنى، بۇ بازارنىڭ ‹‹جۇڭخەي›› نامىدا ئاتالغان مەخسۇس رايونىدا پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ جېجياڭ، فۇجيەن، شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىمالدىكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن تىجارەتچىلەرنىڭ جۇڭگودىن كەلتۈرۈلگەن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى توپ ۋە پارچە ساتىدىغانلىقىنى بىلدىم.

  ئىگىلىشىمچە، 800 مىڭغا يېقىن نوپۇسى بار بېشكەكتە 60 مىڭغا يېقىن جۇڭگولۇق ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى قىرغىزىستاندا جۇڭگونىڭ يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتلىرى قىرغىزىستان بازىرىدىكى ئومۇمىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ تاۋارلار يەنە بېشكەك ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپا دۆلەتلىرىگىچە يېتىپ بارىدىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە تاۋارلارنىڭ كۆپ قىسمى جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ ئېلىمىز بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىدىغان سودا پورتى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ دۆلەتلەرگە ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلار پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان قىرغىزىستان ئارقىلىقلا ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈلىدىغان بولغاچقا، قىرغىزىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورنى بۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سودا تاۋارلىرىنى توپ تارقىتىش بازىسىغا ئايلىنىشىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بوپتۇ. بېشكەك شەھىرىدىكى ئونغا يېقىن چوڭ – كىچىك توپ تارقىتىش بازىرىنىڭ ئىچىدە، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەسىر دائىرىسى ئەڭ كەڭ ھېسابلىنىدىغان ‹‹دوردوي›› بازىرى، ‹‹داتاڭ›› بازىرى، ‹‹مەدىنە›› بازىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ياكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر دۇكان ئىجارە ئېلىپ، جۇڭگو ماللىرىنى توپ تارقىتىدىغان بازارلار ئىكەن.

  قىرغىزىستاننىڭ قايسى شەھىرىدە بولسۇن، كىشىنىڭ كۆزىگە ئەڭ كۆپ چېلىقىدىغان نەرسە كونتېينېر ئىكەن. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان توپ تارقىتىش بازارلىرىدىكى بوتكىلار ياكى يول بويلىرىدىكى ئادەتتىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان بوتكىلار بولسۇن، ھەممىسى دېگۈدەك قۇرۇق كونتېينېردىن بوتكا ياسىغان ئىكەن. بۇ كونتېينېرلارنىڭ بۇنچە كەڭ كۆلەمدە ھەم ئۈنۈمسىز ھالەتتە ئىشلىتىلىشى، ئەمەلىيەتتە، كىشىگە قىرغىزىستاننىڭ ئېكسپورت سانائىتىدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇرىدۇ. يەنى، قىرغىزىستاندا ناھايىتى ئاز مىقداردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاساسىي جەھەتتىن ئېكسپورت بايلىقى يوق. شۇڭا، باشقا دۆلەتلەر، بولۇپمۇ جۇڭگودىن قىرغىزىستانغا لىققىدە يۈك قاچىلىنىپ كېلىۋاتقان كونتېينېرلارغا قاچىلاپ قايتقۇدەك تاۋار بولمىغاچقا، ئارتۇقچە چىقىمنى ئازايتىش ئۈچۈن، كونتېينېرلار ئەرزان باھادا سېتىۋېتىلىپ، ئاپتوموبىللار قۇرۇق ھالەتتە ئۆز دۆلىتىگە قايتىدىكەن. شۇڭلاشقا، كونتېينېر قىرغىزىستاندىكى ئەڭ ئەرزان، ئەڭ قولايلىق قۇرۇلۇش ماتېرىيالى سۈپىتىدە دۇكان، ئىسكىلات قاتارلىقلارنى ياساشتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدىكەن.

  قىرغىزىستان ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگوغا ئوخشاش چوڭ ئېكسپورت دۆلىتىنىڭ تاۋارلىرىنى قوشنا ئەللەرگە يۆتكەپ بېرىشنى ئاساسلىق ئىگىلىك شەكلى ۋە دۆلەتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى قىلغان. بۇ يەردىكى پۇقرالارمۇ مۇشۇ جەرياندىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىش ئورۇنلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بۇنى تۇرمۇشىنى قامداشتىكى ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى قىلغان. بۇ ھال ئېلىمىزنىڭ يېنىك سانائەت كارخانىلىرى، جۈملىدىن سودىگەر، تىجارەتچىلىرىنى ناھايىتى چوڭ سودا پۇرسىتى ۋە بازار بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، قىرغىزىستان پۇقرالىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستېمالىدا جۇڭگو تاۋارلىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. جۇڭگولۇق كارخانىچىلارنىڭ دېيىشىچە، بىر قانچە يىلدىن بېرى، تۈركىيە، كورېيە، رۇسىيە كارخانىچىلىرىمۇ قىرغىزىستاندىكى بۇ بازار بوشلۇقىنى ھېس قىلىپ ۋە بۇ يەرگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندىكى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ۋە يېمەكلىك قاتارلىق ساھەلىرىدە كۈچلۈك رىقابەت پەيدا قىلغان. ئەمما، مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگولۇق كارخانىچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بۇ جايدىكى ئىگىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەم تېخىمۇ كېڭەيتىپ، جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىرغىزىستان، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىدىكى تەسىرىنى ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى كامىل ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر