باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى قاچان ئىسلاھ قىلىنىدۇ؟

2014.04.17 13:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەچچە ئون مىليون ئىمتىھان بەرگۈچى 29 – مارت دۆلەتلىك ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىغا قاتناشتى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى: بۇ ئىمتىھانغا نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن كېتىدۇ، ئەمما ئۇ ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ چەت ئەل تىلى سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىنى ئۇنۋان باھالاشتىكى ‹‹قاتتىق تەلەپ›› قىلىش ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس، دېيىشتى. ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى 4 –، 6 – دەرىجە ئىمتىھانى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئىنگلىز تىلى دەرسلىك ئىمتىھانى قاتارلىقلار ئىسلاھ قىلىنىۋاتقان شارائىتتا ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىمۇ ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەكمۇ – قانداق؟

  ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنۋان باھالاشنى بىرقەدەر ئوبيېكتىپ بولغان باھالاش ئاساسى بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى. ئەمما، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىدا ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈنلا ئۆگىنىدىغان، ئەمەلىيەتتە قوللىنىلمايدىغان، زىيادە ئۆلۈك ھالەت شەكىللىنىپ، ئىمتىھان نۇقسانلىرى تەدرىجىي گەۋدىلەندى. كىشىلەرنىڭ ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىغا بولغان نارازىلىقىمۇ تەدرىجىي كۈچەيدى.

  بۇلتۇر، تاراتقۇلاردا داڭلىق يازغۇچى تيې ليۇنىڭ 12 يىلدىن بۇيان ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىدىن ئىزچىل ئۆتەلمىگەنلىكى، چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىنىڭ ئۇنىڭ كاندىدات ئالىي ئۇنۋان ئېلىشىدىكى ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ‹‹بوسۇغا››غا ئايلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى. تيې ليۇ: يەنە بىر نەچچە يىل تىرىشىپ كۆرىمەن، ئەگەر يەنىلا ئۆتەلمىسەم، ئۇنۋاننى 50 ياشتىن كېيىنكى ئىمتىھان كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ۋاقىتتا ئېلىشىمغا توغرا كېلىدۇ،دېدى. ئەمەلىيەتتە، رېئال تۇرمۇشتا بۇنىڭغا ئوخشاش قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلار ئاز ئەمەس. ئۇنۋان باھالاشقا قاتنىشىشتا مەيلى سىز ئالىي مەكتەپتە چەت ئەل تىلى 4 –، 6 – دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇڭ ياكى چەت ئەل تىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇڭ، جەزمەن چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى بېرىشىڭىز كېرەك.

  ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىنىڭ ئىمتىھانغا تىزىملىتىش، تەييارلىق ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىش، كۇرسقا قاتنىشىشىدىن تارتىپ چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى بەرگۈچە بولغان چىقىمى ئاز دېگەندە نەچچە يۈز يۈەن، كۆپ بولغاندا نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ؛ مەركەزلىك تەكرار مەزگىلىدە نۇرغۇن ئىمتىھان بەرگۈچى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەييارلىق قىلىدۇ. شۇنىڭغا تۇشلۇق ئىمتىھاندىن ئۆتەلىسىغۇ ياخشى، ئەگەر ئۆتەلمىسە ھەممىنى يەنە قايتىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىنىڭ مەقسىتى چەت ئەل تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بولسا، ئۇنداقتا ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ‹‹لاياقەتلىك›› بولالمايدۇ. چۈنكى، بىز چەت ئەل تىلىنى ئۇنۋان باھالاشتىن ئۆتۈش ئۈچۈنلا، ئازراقمۇ قىزغىنلىقىمىز يوق ھالەتتە ئۆلۈك ئۆگىنىمىز، شۇڭا ئىمتىھاندىن كېيىن سۆزلۈك ۋە گىرامماتىكىلارنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىمىز، بۇنداق ئەھۋالدا، چەت ئەل تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن!

  ئەمەلىيەتتە، ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىنى ئىسلاھ قىلىش سادالىرىنىڭ پەيدا بولغىنىغا خېلى ئۇزاق ۋاقىت بولدى، ھازىر ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىنى ‹‹ئىسلاھ قىلمىسا بولمايدىغان›› ۋاقىت كەلدى. ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان غايەت زور ئىقتىساد زەنجىرىگە قاراپ باقايلى، تور بېتىنى ئېچىپ، ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئىزدىگىنىڭىزدە ‹‹ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە ھۆددە قىلىش، ئۆتەلمىسە ھەقسىز قايتا ئۆگىتىش››، ‹‹ۋاكالىتەن ئىمتىھان بېرىش قىزىق لىنىيەسى››، ‹‹ئىمتىھاندا كۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى››دېگەندەك ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ئۈلگۈرەلمەي قالىسىز؛ جايلاردا ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى كونسۇلتاتسىيە سىنىپلىرى ھە دەپ ئېچىلماقتا، ئۇلارنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى يىلدىن – يىلغا ئۆرلەۋاتقان بولسىمۇ، تىجارىتى يەنىلا ناھايىتى ياخشى بولماقتا. ئويلاپ باقايلى، ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى ئۇنۋان ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچى سانسىزلىغان كىشىنى قىيناش بىلەن بىللە زادى كىمنىڭ يانچۇقىنى تومپايتىۋاتىدۇ؟

  ناۋادا، ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مۇمكىن بولمىسا، ھېچبولمىغاندا ئىمتىھاندا ‹‹ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك››كە بولارمۇ؟ ئىش ئورنى تەقسىماتىدا، چەت ئەل تىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان، چەت ئەل تىلىنى پىششىق بىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان خىزمەتلەر بار، بۇنداق خىزمەتنى ئىشلەيدىغانلاردىن چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى ئېلىش ئىنتايىن زۆرۈر. ئەمما چەت ئەل تىلى بىلەن كۆپ ھەتتا قىلچە ئالاقىسى بولمىغان خىزمەت ئورنىدىكىلەردىن ئېلىنىدىغان ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ھەتتا ئىمتىھاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولامدۇ؟ خىزمەتچىلەر ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، چەكلىك ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئۆز خىزمىتى ۋە كەسپىي ساھەسىگە سەرپ قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ؟

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر