باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىلەن مالايشىيانىڭ ئالىي دۆلەت باشلىقى ھەلىم ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2014.06.03 08:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 31-ماي مالايشىيانىڭ ئالىي دۆلەت باشلىقى ھەلىم بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو-مالايشىيا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 31-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 31-ماي مالايشىيانىڭ ئالىي دۆلەت باشلىقى ھەلىم بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو-مالايشىيا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-مالايشىيا مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئىقتىساد-سودا، پۇل مۇئامىلە، ئۇل ئەسلىھەلەر، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، مۇداپىئە ئىشلىرى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىدىكى يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-مالايشىيا مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈشنى خالايمەن.

  ھەلىم تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: مالايشىيا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى 40 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلدى. مالايشىيا تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇستەھكەملىگەن دوستلۇقنىڭ چوقۇم ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر