باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى

2014.06.03 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئېلان قىلىنغان 2013-يىللىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى تەرەققىيات ئىستاتىستىكا ئاخباراتىدىن ئايان بولىشىچە، 2013-يىلنىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 199 مىليون 170 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 9مىليون 70 مىڭ ئاشقان، پۈتۈن يىلدا ئىش ئورنىدا يارىلىنش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغانلار 1 مىليون 950 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 50 مىڭ ئاشقان.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە بولۇپمۇ 12-بەش يىللىق پىلان باسقۇچىدا ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات ئومۇمى پىلان نىشانى ــ شەھەر يېزىلاردىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچىلەرنى قاپلىغان ئىش ئورنىدا يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىش ئورنىدا يارىلانغانلارغا تولۇقلىما بېرىش، ئىش ئورنىدا يارىلانغانلارنى داۋالاش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن كاپالەت سىستېمىسىنى ئاساسەن بەرپا قىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا ئىش ئورنىدا يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىش ئورنىدا يارىلانغانلارنى داۋالاش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، ئىش ئورنىدا يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىناق نۇقتا خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىش ئورنىدا يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش سىياسەت چارىلىرىنى تەتقىق قىلىش بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 买力克.买买提

ئالاقىدار خەۋەرلەر