باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاچتى

2014.06.04 09:16         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ 2–قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 31 – ماي چۈشتىن بۇرۇن پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش توغرىسىدا خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ 2 – قېتىلىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يىغىن روھىنى تېزدىن ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېز ھەرىكەتلىنىپ، سوبيېكتىپلىق رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى روھىي ھالەت بىلەن مەركەزنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېلىمىزدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان، شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە چاقىرىلغان ناھايىتى مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىككى چوڭ ئومۇمىيەتنى تەڭ ئېتىبارغا ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر شەرھىيەلەپ بەردى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش نامايان قىلىندى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى ۋە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى يەنىمۇ بېيىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ئۇ ئابىدە خاراكتېرلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى، ئەمەل قىلىدىغان مۇھىم پىرىنسىپى بولىدۇ. زۇڭلى لى كېچياڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. سىياسىي كېڭەش رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭ خىزمىتى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى خىزمىتىنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش. مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئالدى بىلەن ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپېڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت ۋە فاڭجېنلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ

  ئومۇمىي نىشاننى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يامرىشىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى قۇرۇشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىناق، ئىتتىپاق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، ئالغا باسقان، ئاسايىشلىق سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇش.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ھەم ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، زور تارىخىي پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، سۇبيېكتىپلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۆۋەن چەكتە تەپەككۇر قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ بېكىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاپ، ۋەزىپىلەرنى كەمكۈتىسىز، دادىل ئورۇنداپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭ، سىياسىي كېڭەش رەئىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ سۆزىنى ئەينەن يەتكۈزۈپ، سۆزنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ بەنزە رەھبەرلىرى ئالدى بىلەن ئۆگىنىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىش ۋە مۇزاكىرىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ۋىلايەت، ئوبلاست، ئورۇنلار، تارماقلار مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنىڭ كونكرېت لايىھەسىنى تۈزۈپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش، جەمئىيەتتە تەشۋىق قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، يىغىننىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلاملارغا تېزدىن يەتكۈزۈپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىشى كېرەك.

  نۇر بەكرى، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، ليۇ لېي، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر