باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

2014.05.30 15:06   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

  مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 28-، 29-ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش مىنىستىر لى كېچياڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات خىزمىتى ھەققىدە سۆز قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىن ئاياغلاشقاندا خۇلاسە سۆزى قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا 2010-يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئىلمىي تەھلىل قىلىنىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، تۈپ تەلىپى، ئاساسلىق يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، نۆۋەتتە ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش-پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چوڭ ئىشى، ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك سىياسەت تۈزۈپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇزاق مۇددەت ئەمىن ۋەزىيەت يارىتىپ، ئۇزاققىچە تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىر يۈرۈش مۇھىم ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمەلىيەت-پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، بۇنىڭدا ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى ساقلاش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنى تولۇقلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى ئۇزۇن مۇددەت گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر تەرەپتىن كۈچ چىقىرىپ، ئۇزۇنغىچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئاساسنى ياخشى سېلىپ، يىراقنى كۆزلەش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مۇددەت ئەمىنلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مۇددەت ئەمىنلىك-شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي نىشانى. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى نۆۋەتتىكى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كوللېكتىپ مۇداپىئەلىنىش، كوللېكتىپ ساقلىنىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، مۇستەھكەم قورغان، ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇش ھەم دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى سەپنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەسىلە يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى. مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قانچە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانسېرى، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان پولات قورغاننى مۇستەھكەملىشىمىز لازىم. پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىن خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، دىن بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئۆز ئارا ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى پائال رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش لازىم، دىنىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۈپ پىرىنسىپ-قانۇنلۇق پائالىيەتلەرنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشكىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر مىللەت ئاممىسى ئارىسىدا توغرا ۋەتەن قارىشى، مىللەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى نۇرلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىش لازىم.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئالاھىدە مۇھىم. ئىشقا ئورۇنلىشىش-شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا باغلانغان ئەلرايى مەسىلىسى. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىدىن چىقىش قىلىپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېزدىن ياخشىلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ خۇلاسە سۆزى قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىچكى ۋە خەلقئارا ئومۇملۇق بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتى ئىلمىي تەھلىل قىلىنىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدىكى بىر يۈرۈش مۇھىم نەزەرىيەۋى ھەم ئەمەلىي مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئۇزاق مۇددەت ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىق، ئومۇميۈزلۈك، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. شىنجاڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى ئەمەلىي، چىڭ تۇتۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، سىياسەتنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خىزمەت ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مۇددەت ئەمىنلىكنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. مەركەزدىكى ھەر قايسى تارماقلار سىياسىيدا ئومۇملۇققا ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەزىپىلەرنى بۆلۈشۈپ، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. جايلار، بولۇپمۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر پۈتۈن مەملىكەت ئۇيۇلتاش دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى لازىم. مەركەزنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم فاڭجېنلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇغۇچى مەنبەسى كىرىزىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىنتىزامىغا خىلاپ كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ سەمىمىيەت ئارخىپى…
      ·بېيجىڭ ساقچى تەرەپ تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسىنى قوراللىق چارلايدۇ، تاساددىپىي ھادىسى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرى يېڭىلانمايدۇ
      ·يۈ جېڭشېڭ: كەسپىي مائارىپ مەسىلىسى مائارىپ مەسىلىسىلا ئەمەس، يەنە مۇھىم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ۋە ئى…
      ·بۇ يىل 28 ئۆلكىدە ياقا يۇرتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش يولغا قويۇلدى
      ·2014-يىلى مەملىكىتىمىز بويىچە 9 مىليون 390 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى: نۆۋەتتە ھوقۇق-پۇل سودىسى ئا…
      ·مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى قايتا تەكشۈرۈلىدۇ، ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قى…