باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى 3-ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار»دىكى «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى يېڭى بەلگىلىمە»لەرنى ئانالىز قىلدى

2013.12.02 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى تور بىكىتى خەۋىرى، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللاندى، بۇنىڭ 36-ماددىسىدا مەخسۇس چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمىسىدە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىش نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 2013-يىل 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن رىياسەتچىلىكىدە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئېچىلىپ، يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلىدى، كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى بىردەك 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمىسىدە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈم كاپالىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۇڭقۇر تونۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جەريانىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى تور بىكىتى 3-ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى شۆچىننى تەكلىپ قىلىپ، بۇ ھەقتە تورداشلار ۋە جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىۋاتقان قىزىق نۇقتىلارنى چۈشەندۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر