باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شېنجېن ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ھەققىدە ئىزدەندى

مەمۇرلار «مالىيەگە تايىنىپ كۈتۈنۈش» بىلەن خوشلىشىدۇ

2013.12.03 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «قارار»دا «ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2008-يىل 2-ئايدىلا، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا «كەسپىي ئورۇنلار خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىناق قىلىش لايىھەسى» ماقۇللانغان ۋە سەنشى، شاڭخەي، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق بەش ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە سىناق ئالدىن باشلانغانىدى. ئەمما ھازىرغا قەدەر كۆپىنچىسىدە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن شېنجىن بۇ جەھەتتە پايدىلىق ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردى.

  10 نەچچە كۈن بۇرۇن، مىليون كىشى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتناشتى. ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىر قىسمى «يۈز-ئابرويلۇق بولۇش»، «پاراۋانلىقى ياخشى بولۇش»، «تۆمۈر تاۋاققا ئېرىشىش»تەك «مەمۇرلۇق چۈشى»نى روياپقا چىقىرىش نىيىتىدە ئىمتىھان مەيدانىغا كىردى. لېكىن شېنجېندا بۇ «خىيالىي چۈش» بۇزۇلۇش بارا-بارا بەربات بولماقتا.

  2010-يىل 2-ئايدا، شېنجېن مەمۇرىي ئورگانلاردا مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، مەمۇرىي ئورگانغا يېڭى قوبۇل قىلىنغان خادىملارغا بىردەك تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، كارخانىدىكىگە ئوخشاش ئەمگەك توختامى تۈزۈش، ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىشنى يولغا قويدى. 2012-يىل 8-ئايدا، بۇ ئىسلاھات «ئوتى» شېنجېندىكى كەسپىي ئورۇنلارغىمۇ تۇتاشتى. «ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىختىساسلىقنىڭ يۆتكىلىپ تۇرۇشى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمدى «خىيال» پېتى تۇرىۋەرمەيدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شېنجېن ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا «يېڭىلارغا يېڭى چارىنى يولغا قويۇش» يولىنى تۇتۇپ، «ئىجتىمائىي ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن كەسپىي يىللىق پۇل بىرلەشتۈرۈلگەن» كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇۋېتىپتۇ. بەلگىلىمە بويىچە، شېنجېندىكى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارغا يېڭى قوبۇل قىلىنغان خادىملار خىزمەتتىكى مەزگىلدە كارخانىدىكىلەرگە ئوخشاش بەلگىلىك ئۆلچەم بويىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرىدىكەن.

  شېنجېن ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسى جامائەت سىياسىتى ۋە ھۆكۈمەت نەتىجىسىنى باھالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى ۋاڭ مېي مۇنداق دېدى: «شېنجېننىڭ ئىزدىنىشلىرى ئىجتىمائىي ئادىللىقنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى بولۇپ، جەمئىيەتتىكى زور ئىلگىرىلەشتىن دېرەك بېرىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتكە نىسبەتەن ئۆرنەكلىك ئەھمىيىتىگە ئىگە.» (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر