باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو غەربىي رايون قار – مۇز بايرىمى ۋە 8 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكسى ئاياغلاشتى

2013.12.04 09:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى: ئۈچ كۈن داۋاملاشقان جۇڭگو غەربىي رايون قار – مۇز بايرىمى ۋە 8 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكسى 1 – دېكابىر شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە غەلىبىلىك ئاياغلاشتى، بايرام جەريانىدا 300 مىڭغا يېقىن شەھەر ئاھالىسى يەرمەنكە مەيدانىغا كىرىپ، قىشلىق يەرمەنكىنى كۆردى، نەق مەيداندىكى ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 58 مىليون يۈەنگە، سېتىلىش سوممىسى 31 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  يەرمەنكە جەريانىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 35 تۈرلۈك ساياھەتنىڭ ئارىسالدى ۋاقتى ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئېلان قىلدى، شەھەر ئاھالىلىرى ئەرزان باھادا تۈرلۈك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالدى، نەق مەيداندا شىنجاڭ ساياھەت كارتى تارقىتىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ساياھەت تارماقلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر