باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ۋەزىيەتتىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئەزالارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئىگىلەپ بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىلدى

2013.12.06 08:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز مىلاقىز بەكرى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 4 - دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋەزىيەتتىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئاساسىي ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.

  خۇاڭ ۋېي ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچنىڭ ئېشىش ئەھۋالى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، 3 - كەسىپنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئەھۋالى، ئېچىۋېتىش خىزمىتى ئەھۋالى، مالىيە كىرىم - چىقىمىنىڭ ئېشىش ئەھۋالى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەھۋالى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالى قاتارلىق نۇقتىلاردىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئالاھىدىلىكى، قوللىنىلغان مۇھىم تەدبىرلەر، ھازىرقى ۋە كېلەر يىللىق خىزمەت پىلانى قاتارلىق ئۈچ چوڭ جەھەتتىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ۋە تەھلىل قىلدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: يېقىندا ئېچىلغان ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى نىشان، ۋەزىپىلىرى، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ھالقىلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز يۈكسەلدۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دوكلات يىغىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، ئەزالار ۋە ئورگاندىكى بارلىق يولداشلار بۈگۈن تونۇشتۇرۇلغان ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ياخشى ئۆگىنىشى ۋە ئۆزلەشتۈرۈشى، ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىشتىكى مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ماتېرىياللارنى ئەستايىدىل تەييارلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كۆپچىلىك تەييارلىغان تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى پاكىت - ئاساسلىرى بويىچە رەتلەپ، ئەمەلىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان قىلىپ تەييارلاپ، ئۇنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش سەھنىسىگە، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنى سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈر بولغان ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئاكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاكتىپ كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئەزالار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار دوكلاتنى ئاڭلىدى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر