باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: پۈتۈن پارتىيەنىڭ تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسى ۋە مېتودولوگىيەسى ئۆگىنىشىگە تۈرتكەبولۇپ، قانۇنىيەتنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ،خىزمەتلەرنى تېخىمۇ جانلىق ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

2013.12.05 17:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسى ۋە مېتودولوگىيەسى توغرىسىدا 11-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئېلىپ باردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسى ۋە مېتودولوگىيەسى ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئەھۋالىنى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى، تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ،خىزمەتلەرنى تېخىمۇ جانلىق ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گو جەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى خەن چىڭشياڭبۇ مەسىلىگە ئىزاھاتبەردى ھەمدە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.ج ك پ مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارئىزاھاتنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر