باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئىقتىسادىي خىزمەتكە قارىتا پىكىر ۋە تەكلىپ ئالدى

شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى

2013.12.04 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدا دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللاردىن دوكلات بەردى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىنى تونۇشتۇردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر