باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى يۈەنچاۋ ماندىلانىڭ ماتەم مۇراسىمغا قاتناشتى ۋە تەزىيە سۆزى قىلدى

2013.12.11 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈەنچاۋ 10-دېكابىر جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يۇھاننېسبۇرگ شەھىرىدە جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزگەن سابىق زۇڭتۇڭماندىلانىڭ ماتەم مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەزىيە سۆزى قىلدى.

  لى يۈەنچاۋ رەئىسى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى نامىدىن ماندىلانىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ماندىلا يېڭى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنىڭ ئىپتىخارى، ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مىللىي ئازادلىقى، ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلدى. جەنۇبىي ئافرىقا خەلقى ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلەتنىتەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ماندىلا جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىگە ئۇل سالغۇچىلارنىڭ بىرى، جۇڭگو خەلقى ئۇنىڭ جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا دوستلۇقىغا، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىگە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. (يۈەن جىرۇڭ، نى تاۋ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر