باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئاخىرقى تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىيالامدۇ؟

2013.12.16 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ئېرۇسالىمدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانىياخۇ بىلەن سۆھبەتلەشتى. كېررى سۆھبەتتىن كېيىن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ كېلەر يىلى 4-ئايدا تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىدىن ئۈمىد بار.

  كېررى مۇنداق دېدى: مەن ئىسرائىلىيە رەھبىرى بىلەن تالاش-تارتىش بولىۋاتقان ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدىم، ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا يەنىلا ئۈمىد بار. كېررى يەنە مۇنداق دېدى: تىنچلىق ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىنگە ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىغا غايەت زور مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى. ئامېرىكا بۇ ۋاقىتتا ھەرقانداق ئۆزگىرىش ئۈستىدە ئويلاشمايدۇ، بىزنىڭ نىشانىمىز ۋاقىتلىق كېلىشىم ئەمەس، مەڭگۈلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش.

  كېررى 12-دېكابىر كەچتە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى رامئاللادا پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن كۆرۈشتى. كېررى مۇنداق دېدى: پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە بىر رامكا خاراكتېرلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەك.

  ئابباس كېررىغا پەلەستىننىڭ تىنچلىق سۆھبىتى داۋاملىشىدىغان 9 ئايلىق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. لېكىن كېررى بۇندىن بۇرۇن ئوتتۇرغا قويغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىدە تۇرۇشلۇق ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ پىلانىغا قارىتا پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ يىل 29-ئىيۇل، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، باشلىنىپ، ھازىرغىچە 20 نەچچە نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى. لېكىن ئۈنۈمى زور بولمىدى، يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدە خالتا كوچىغا كىرىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. 5-دېكابىر كېررى پەلەستىن ئىسرائىلىيە رايونىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىگە يېڭى تىنچلىق لايىھەسىنى ئوتتۇرغا قويدى، بۇ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا زېمىن ئالماشتۇرۇش ھەمدە ئىككى دۆلەت پايتەختىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كونكرېت مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېررى يەنە ئابباسقا ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى تاپشۇردى، بۇنىڭ مەزمۇنى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئەڭ ئاخىرقى تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە پەلەستىن بىلەن ئىيوردانىيە چېگراسىدا ئەسكەرلىرىنى ئون يىل داۋاملىق تۇرغۇزۇش، ئىسرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى بىر قەدەر ئېگىز تاغلىقتا رادار سىگنال ئۈسكىنىسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كېررىنىڭ بىخەتەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىدا پەلەستىننىڭ مەيدانىغا ئېتىبار بېرىلمەستىن ئىسرائىلىيەگە يان بېسىلغان، بۇ پەلەستىندىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. بۇندىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيە 17 نۇقتىلىق بىخەتەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، پەلەستىن بىلەن باشقا كېلىشىملەرنى ئىمزالاشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن بىخەتەرلىكنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، كەلگۈسىدىكى پەلەستىندە قورال بولمايدۇ، ئىيوردانىيەنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى ئىسرائىلىيە قولىغا ئالىدۇ.

  مەيلى كېررىنىڭ بىخەتەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى بولسۇن، ياكى ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى پەلەستىن تەرىپىدىن رەت قىلىندى. بۇنىڭدىكى سەۋەب بۇنىڭ بىلەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقى داۋاملىق ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىگىلىنىدۇ، پەلەستىن ۋاقىتلىق چېگرىغىلا ئىگە بولىدۇ. ئابباس ئالدى بىلەن پەلەستىن ئىسرائىلىيە چېگراسىنى بېكىتىشنى، ئاندىن كېيىن ئىيوردان جىلغىسىنىڭ بىخەتەرلىكى، مەھەللىلەرنىڭ ئىستىقبالى ھەمدە زېمىن ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئابباس ئىيوردان جىلغىسى رايونىغا خەلقئارا قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇشقا قوشۇلدى، بۇ ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئېتىراپ قىلىدىغان باشقا دۆلەت قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن ئىسرائىلىيە قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. پەلەستىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەلەستىن زېمىندا ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقانداق بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى ۋە خادىمىنى قالدۇرۇپ قويۇشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

  گەرچە كېررى رامكا خاراكتېرلىك كېلىشىم ئىمزالاشتىن ئۈمىد كۈتكەن ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى ئاداۋەت ۋە توقۇنۇش ئېروسالىمدىكى قاردەك ئۇنداق تېز ئېرىپ كەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ.

  مىسىر كەلگۈسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سادىق مۇنداق دېدى: گەرچە كېررى كۆپ قېتىم ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولغان بولسىمۇ، لېكىن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا يەنىلا ئېغىر ئىختىلاپ بار، ئىسرائىلىيە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش خالىمايدۇ، يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇشنى توختىتىشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ ھەمدە پەلەستىن بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش، پەلەستىننىڭ زېمىنى كونترول قىلىشنى بوشاتقاندىن كېيىن، خاماس قاتارلىق رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ بۆسۈپ كىرىپ، ئىسرائىلىيەگە تېخىمۇ زور تەھدىت سېلىشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭلا مەنپەئەتىنى ئويلىشىدۇ، پەلەستىننىڭ زېمىنى ۋە بىخەتەرلىك تەلىپىگە سەل قارايدۇ. شۇڭا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئەگەر پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە بىر-بىرىگە يول قويمىسا، ئامېرىكا تەسىس قىلغان 9 ئايلىق تىنچلىق سۆھبىتى چېكىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىشى ناھايىتى تەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر