باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سېربىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ تەپتىش ئورگىنى ئۇرۇش جىنايىتىنى تەكشۈرۈش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى

2013.12.17 13:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇرۇش جىنايىتىنى تەكشۈرۈش جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بوسىنىيە گرىتسىگوۋىنا، كرودىيە ۋە سېربىيىنىڭ تەپتىش ئورگانلىرى تۈنۈگۈن سارايېۋودا ئۈچ تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىنى ئېچىپ، ئالاقە ئەمەلدارلىرى تۈزۈمى ئورنىتىشنى قارار قىلدى.

  بوسىنىيە گرىتسىگوۋىنانىڭ باش تەپتىشى سالىخوۋىچ، كرودىيىنىڭ باش تەپتىشى بايىچ ۋە سېربىيىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى تەپتىشى ۋۇكچېۋىچ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئىلگىرىكى كېلىشىملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى باھالاپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ھەمكارلىق ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ئۇلار ئالاقە ئەمەلدارى تەسىس قىلىش، ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەكشۈرۈش تەرتىپى قاتارلىق تېخنىكا تەپسىلاتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇرۇش جىنايىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئېرىقچىلىق جىنايى دېلولىرىنى تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە قوشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر